تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

[يۈجيەن جۇڭيى]: بالىلار تىلىدا جۇڭيى تىبابىتىنى سۆزلەش 04| نېمىشقا ياخشى ئۇخلاش كېرەك

   مەنبە: تىيانشان تورى

   چوڭلار «جۇڭيى تىبابىتىنى ئۆگىنىشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك» دېيىشىدۇ، لېكىن ئۇلار بالىلاردا تۇغۇلۇشىدىنلا جۇڭيى تىبابىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ!

   كەچ سائەت توققۇز بولۇپ كەتتى، ئانا: «قوزام، تېز كېلىپ ئۇخلا!» دېدى. بالىسى: «نېمىشقا ئۇخلايمىز؟ مېنىڭ يەنە بىردەم ئوينىغۇم بار» دېدى. 

  ئۇيقۇ ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، ئۇخلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق باش ئاغرىقى بار.

   چوڭلار كۈندۈزى ناھايىتى ئالدىراش، كېچىسى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئىشلارنى ئويلاپ، ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ. بالىلار قانچە ئۇزاق ئوينىسىمۇ ئويۇنغا قانمايدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ۋاقچىراق ئۇخلاشقا باھانە ئىزدەيدۇ. 

  نېمىشقا كەچتە چوقۇم ئۇخلايمىز؟ بالىلارنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن خۇشال ئۇخلىتىدىغان بىرەر ئامال بارمۇ؟ 

    ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلار كەچ سائەت توققۇزدىلا ئۇخلاپ بولۇشى كېرەك، بۇ يەردىكى«ئۇخلاش» چۈش دۇنياسىغا كىرىپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇخلاشقا تەمشىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، كەچلىك ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن يېتەرلىك بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى جۇغلاپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دائىم تۈنەيدىغان بالىلارنىڭ بويى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا پاكار بولۇپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. 

   ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كېچىكىپ ئۇخلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ھەرگىز ئورنىدىن كېيىن تۇرۇش ئارقىلىق تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىچە ئەتىگەندە تەبىئەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ماسلىشىپ ئورنىدىن تۇرمىغاندا، بەدەن تېخىمۇ ساغلام بولمايدۇ! 

      ئەگەر شوخراق بالىلارنى ۋاقتىدا ئۇخلاتماقچى بولساق، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن كارتون فىلىم كۆرسەتمەسلىك ۋە ئويۇن ئويناتماسلىق، چىش چوتكىلاش، يۇيۇنۇش، كىيىم رەتلەش، كىتاب ئوقۇش، يېقىملىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاش قاتارلىق تىنچراق ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كىچىككىنە «مۇراسىم تۇيغۇسى»غا تولدۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى بالدۇرراق تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

     بۇ جەريان ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى ماسلىشىشىغا موھتاج، ماسلىشىش ياخشى بولسا، بالىلار ئاسان ئۇخلاپلا قالماستىن، يەنە چوڭلارنىڭ ئۇخلىشىغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. 

    نېمە ئۈچۈن سائەت توققۇزدىن بۇرۇن ئۇخلاشنى تەكىتلەيمىز؟ 

    بۇ بەدىنىمىزدىكى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەدىنىمىزدە 12«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» بار، ئۇلار ئۆزئارا تۇتىشىپ بىر ئايلانما يول ھاسىل قىلىپ، ھەربىرى ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن نۆۋەتچىلىك قىلىش قانۇنىيىتى بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ، جۇڭيى تىبابىتىدە ئۇلار «ئون ئىككى جىڭلو» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسمى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، ھەممىسى «XX جىڭ»، بۇنىڭ ئىچىدىكى «XX» دەل ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ئىچكى ئەزالاردۇر. 

    كەچ سائەت توققۇزدا نۆۋەتچىلىك قىلىش كىمگە كېلىدۇ؟ 

    سەنجياۋ جىڭغا كېلىدۇ. 

    سەنجياۋ دېگەن قايسى ئىچكى ئەزا؟ 

   سەنجياۋ ئىسمى بار، ئەمما كونكرېت شەكلى يوق ئىنتايىن چوڭ بىر «ئىچكى ئەزا» بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى «قۇۋۋەت» ۋە «خىلىتلار»نى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. «قۇۋۋەت» بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەللىككە قارشى تۇرىدۇ، «خىلىت» ئىچكى ئەزالار ۋە تېرىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، سائەت توققۇزدا ۋاقتىدا ئۇخلىغاندا، سەنجياۋجىڭدا قان تولۇق بولغاچقا، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سائەت توققۇزدا ئۇخلىمىسا، ئەسلىدە سەنجياۋجىڭدا نۆۋەتچىلىك  قىلىدىغان قاننىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئوينىشىغا سەرپ قىلىنىپ، سەنجياۋجىڭنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ، تەبىئىيلا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. 

    بۇنىڭدىن قارىغاندا، ياخشى ئۇخلاش ھەقىقەتەن سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن. 

   ماقالىدىكى بىر قىسىم كىچىك بىلىملەر جۇڭيى تىبابىتى چىمېڭ بالىلار كىتابى «قوزام، نېمىشقا ياخشى ئۇخلاش كېرەك» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئەسلىي ئەسەر ئىسمى: بالدۇر ئۇخلىغان ئېنياڭ، جۇڭگو جۇڭيى دورىلىرى نەشرىياتى نەشر قىلغان.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ