ئانار بۇلۇت خەۋىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، كۆپچىلىكنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قار-مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، دىققىتىنى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قويۇش، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا شەھىرى قار-مۇز تەنھەرىكىتى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ خۇيجيا دەۋر مەيدانىدىكى بىڭفېڭ خۇيجېن مۇز تېيىلىش مەيدانىدا، «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇز تېيىلىش پائالىيەتلىرى رەسمىي باشلاندى، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنى ھېس قىلىش دەرسى، مۇز توپ مۇسابىقىسى، كۆپچىلىك مۇز ئۈستىدە تېيىلىپ مېڭىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قالتىس نامايان بولدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، نەشپۈت شەھىرىنىڭ قەھرىتان قىش پەسلىگە قايناق كەيپىيات قوشۇلدى.
مۇز توپ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، كىچىك ماھىرلار خۇددى مۇز ئۈستىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەرگە ئوخشاش، چەبدەسلىك بىلەن بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى ئورۇنلىدى، يەتتە ياشلىق چېن رۇيشۈەن مۇز توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مۇز توپ تەنھەرىكەت تۈرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، بۇ ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمەن».
فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش دەرسىدە، ئوقۇتقۇچى ھەربىر كىچىك ئۆگەنگۈچىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىشىغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى، 11 ياشلىق ياڭ چىڭلىڭنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنى ئۆگەنگىنىگە ئىككى ئاي بولغان بولۇپ، ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن پىششىق ئىدى.
«فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەيداندىكى گۈزەل سىيماسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ماڭا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، مەن چوقۇم ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن» دېدى ياڭ چىڭلىڭ.
بىڭفېڭ خۇيجېن مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى گېڭ خۇا مۇئەللىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى، بۇ تۈر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى، ماسلىشىشچانلىقى، چەبدەسلىكىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، بىز مۇز ئۈستى ھېس قىلىش پائالىيىتى ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش دەرسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇپ، تەنتەربىيەنىڭ تۇرمۇشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئائىلىگە كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».
(مۇخبىرلار: ما لىجۈەن، فېڭ سىيۈەن)