قۇرماش كۇلىستان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇز تېيىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا(سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ خەييەن خەۋەر قىلىدۇ) «تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى ياخشى.» 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ كوماندا يېتەكچىسى قۇرماش كۇلىستان مەملىكەتلىك مەكتەپ قار-مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.
قۇرماش بۇ قېتىم يېتەكلىگەن 34 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ كىچىكى رۇسلان ئايبىن ئەمدىلا سەككىز ياشتا بولۇپ، ئالتە يېشىدىن باشلاپلا ئالتاي ۋىلايەتلىك تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىدا مەشىق قىلغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەر ھەپتە ئاخىرىدا مەشىق قىلدى، «بالىلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلدى» دېدى قۇرماش.
ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ تىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك مەكتەپ قار-مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى چاڭچۇندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىن بىرلىكتە كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىم، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، دالىدا كانكى تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، يەككە تاختىدا پاراللېل ئايلىنىش قاتارلىق يەتتە تۈردە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئالدىنقى يىلى، ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، كوللېكتىپ 3-لىككە ئېرىشكەن.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ فوتوسى
«ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىز <قار-مۇز شەھىرى سەرخىللىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى>نى يولغا قويۇپ، زور بىر تۈركۈم قار-مۇز تەنھەرىكىتى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ، يېتىشتۈرۈپ، يەتكۈزۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ <دۇنيا دەرىجىلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى>غا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتۇق». ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەنتەربىيە دەرسى مەزمۇنىغا كىرگۈزگەن. ھازىرغا قەدەر، ئالتاي ۋىلايىتىدە قار-مۇز ئۆزگىچە تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىنغان مەكتەپ 47گە، قاتناشقان ئوقۇغۇچى 25 مىڭ 200گە يەتتى ھەمدە ئىجادىي ھالدا تەنتەربىيە دەرسى قار تېيىلىش مەيدانىغا يۆتكەلدى.