شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، كىچىك دوستلار قاردا يۈگۈرۈپ توپ تەپمەكتە. شۇ كۈنى، «يۈگۈرەيلى · ئۆسمۈرلەر» 2021-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار قار پۇتبولى قىشلىق لاگېر پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لېدۇدۇ يەسلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دوۋ شىڭجۈن فوتوسى
12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپتە «قار-مۇز قىزغىنلىقىنى مۇجەسسەملەش بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش» قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئىچىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىدا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ماھارىتى كۆرسەتتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى