خەلق تورى خەۋىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان يەكەن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە، شۇنداقلا 2020-يىلى شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەڭ ئاخىرقى ئون ناھىيەنىڭ بىرى بولۇپ، بىپايان چۆللۈك ئىلگىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويغانىدى.
2021-يىلى، يەكەن ناھىيەسى ئادەم كۆپ يەر ئاز بولۇش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چۆللۈكتىكى كۈن نۇرى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆللۈكتە 20 مىڭ مولۇق گېبى كەسىپلەر باغچىسىنى پىلانلاپ قۇردى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا 3000 پارنىك، 150 مىڭ تۇياق نەسىللىك گۆش قويى يېتىشتۈرۈش مەركىزى، 2 مىليون ئۆي قۇشىنى باققىلى بولىدىغان باقمىچىلىق بازىسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. ئەتراپتىكى تۆت يېزا-بازاردىكى 3000غا يېقىن كەنت ئاھالىسى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
بۇ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدىكى 2 مىليون ئۆي قۇشىنى باققىلى بولىدىغان باقمىچىلىق بازىسى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
بۇ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدىكى پارنىكلار. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا ئىشچى تۇخۇم يىغماقتا. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا، ئىشچىلار تۇخۇم يىغماقتا. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، دېھقان پارنىكتا شوخلىنى چاڭلاشتۇرماقتا. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكى (ئوڭدا) دېھقانغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، دېھقانلار پارنىكتا شوخلا مايسىسىنىڭ ئۇچىنى ئۈزمەكتە. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، دېھقان پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، دېھقان پارنىك يوتقىنىنى ئاپتوماتىك يۆگەش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا. (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)