ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ يۇڭ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى «گۈزەللىكنى مۇجەسسەملەش. ئادەم تەربىيەلەش. ئۆستۈرۈش» تېمىسىدىكى سەرخىل كۇرۇژۇك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چامباشچىلىق گۇمپا كۇرۇژۇكى، تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ خۇش پۇراق چاي سەنئىتى كۇرۇژۇكى، 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كىتاب ئوقۇش، ساز چېلىش كۇرۇژۇكى قاتارلىق ئون سەرخىل كۇرۇژۇك نەق مەيداندا كۆرگەزمە ئويۇنىغا قاتناشتى.
كۆرگەزمە ئويۇنى نەق مەيدانىدا چامباشچىلىق، گۇجېڭ چېلىش، ماشىنا ئادەم، ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قالتىس ئورۇنلاندى، بۇ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مول، رەڭدار كۇرۇژۇك مەدەنىيىتى ۋە دەرستىن كېيىنكى سەرخىل كۇرۇژۇك مۇلازىمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاقسۇ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭچۇن بەيشۆ مۇنداق دېدى: «مەكتەپنىڭ كىتاب ئوقۇش، ساز چېلىش كۇرۇژۇكىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشۇم بېيىپلا قالماي، يەنە قىزىقىشىم يېتىلدى، مەن بەك ياخشى كۆردۈم».
ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈن جېڭياڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى، ئۇلارنى چۈشىنىپ بېقىشنى ياخشى كۆرەتتى، مەكتەپتە ئاسترونومىيە كۇرۇژۇكى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاتناشتى ھەمدە ئاسترونومىيە كۇرۇژۇكىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاقسۇ شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر ماشىنا ئادەم كۇرۇژۇكى 2005-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 2008-يىلى مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
«خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىز دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، <1+N> دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندۇق، N دېگىنىمىز مەكتەپ تەمىنلەيدىغان دەرستىن كېيىنكى تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ياكى دەرسلىكلەر بولۇپ، كۇرۇژۇكلارغا تايىنىپ مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە، ئەمگەك، ئوقۇش، قىزىقىش قاتارلىق كۇرۇژۇك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ يۇڭخۇا.