تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازاردا ماھارەت كۆرسىتىش كېچىلىك ئىقتىسادقا رەڭ قوشتى

  شىنجاڭ ياخشى جاي

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر ئاسىگۈل ئابدۇراخمان ناخشا ئېيتىپ بولۇپ سەھنىدىن خۇشال چۈشتى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر ياڭ شيۇلى جىڭجۈ تىياتىرى «يۈجوۋفېڭ»نى ئېيتماقتا.

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى، خەۋىرى  12-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ 2-نۆۋەتلىك بازار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك بازار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى پۇقرالارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، قىسقا ۋاقىتتا چوڭلار گۇرۇپپىسى، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان 110 نومۇر تاپشۇرۇۋېلىندى.

  «بازار ماھارەت مۇسابىقىسى پائالىيىتىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيىتى ۋە ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى مەركەزلىك نامايان قىلىندى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش، ئويۇن كۆرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، كېچىلىك ئىقتىسادقا رەڭ قوشتى» دېدى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەن لىنىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ