ئانار بۇلۇت خەۋىرى تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە ھەقىقىي كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى قاراشىلىك يېزىسى «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن پوچتا يولى ئېچىش، يېزا-كەنتلەردىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت تېز لىنىيەسىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن «سۈرئەتنى تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى.
«تېز يوللانمىنى پوچتا پونكىتىغا قويۇپ قويسا، ئۆيۈم بىلەن پوچتا پونكىتىنىڭ ئارىلىقى نەچچە قەدەملا كېلىدۇ، تېز يوللانمىنى ئېلىۋېلىش ناھايىتى قولايلىق.» 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، قاراشىلىك يېزىسى قاراشىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چىن شياۋنىڭ تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالدى، چىن شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن تېز يوللانمىنى شەھەر رايونىغا بېرىپ ئېلىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى، ناۋادا ئۆيدە ئاپتوموبىل بولمىسا، بېرىپ كېلىش قولايسىز ئىدى، ھازىر كەنتتىلا تېز يوللانمىنى ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، قاتناش ۋە ۋاقىت تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ».
رەيھان قارقىن قاراشىلىك يېزىلىق پوچتا پونكىتىنىڭ تىجارەت خادىمى بولۇپ، ئۇ قاراشىلىك يېزىسىدىكى بارلىق كەنت دەرىجىلىك تور نۇقتىلىرىغا تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. مۇخبىر قاراشىلىك يېزىلىق پوچتا پونكىتىغا كەلگەندە، رەيھان قارقىننىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تېز يوللانمىلارنى ماھىرلىق بىلەن ئايرىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى توردىن مال سېتىۋالسا، تېز يوللانمىسىنى شەھەر رايونىغا بېرىپ ئېلىۋالاتتى، چەت-يىراق كەنتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ قولايسىز ئىدى. بۇ يىل قاراشىلىك يېزىسى تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى، توردىن مال سېتىۋالىدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى».
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە قاراشىلىك يېزىسىدا پوچتا، شۇنفېڭ، يۈەنتۇڭ، جۇڭتۇڭ، شېنتۇڭ، بەيشى، يۈندا، تيەنتيەن قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتلىرى بار بولۇپ، كۈندە 1200دىن ئارتۇق تېز يوللانما كېلىدىكەن.
يېزىلارنىڭ ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى پوچتا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتى تورىنى ئاساس قىلىپ، پوچتا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، «ھەممە يېزىدا تور نۇقتىسى بولۇش، ھەممە كەنتكە تېز يەتكۈزگىلى بولۇش»نى نىشان قىلىپ، يېزا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك پوچتا شەھەر رايونى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جامبولات كەنجىقان مۇنداق دېدى: «كەنت پوچتا پونكىتىدا AB ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئىش ئورنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قاراشلىق ئىشتاتلىق كەنتلەردە پوچتا ئالاقىسىنى %100كە يەتكۈزۈش، ھەممە ئائىلىلەر پوچتىنى ئىشلىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشتىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى ئۈزۈل-كېسىل راۋانلاشتۇردۇق، كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېز يەتكۈزۈشتىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەنت دەرىجىلىك تېز يەتكۈزۈش نۇقتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، ھەمدە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».
(مۇخبىر قارلىغاچ قابدېش، كۇلپەن نېغمەت)
ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى