تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قىشتىكى ئارىسال مەزگىلدە، دېھقان-چارۋىچىلار ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ «ئېنېرگىيە تولۇقلاش» بىلەن ئالدىراش بولدى

مەنبە: ئانار بۇلۇت

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، دېھقان-چارۋىچىلار ئانا-بوۋاق پەرۋىشى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا. ھازىر قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلى، لوپنۇر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ مەكتەپ 12 تۈركۈم قېتىم تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 26 ئىش تۈرى بويىچە 6000دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلىگەن.

لى فېي فوتوسى

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، دېھقان-چارۋىچىلار پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا.

لى فېي فوتوسى

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، دېھقان-چارۋىچىلار ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا.

لى فېي فوتوسى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى مىلىكئېرىق كەنتى يېزا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار كۇرسانتلارغا پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ئەمەلىي تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. قىش كىرگەندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى تۈرلۈك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، ياغاچچىلىق، تامچىلىق، ئاشپەزلىك، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش قاتارلىق ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

يەن شوۋلىن فوتوسى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى مىلىكئېرىق كەنتى يېزا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار كۇرسانتلارغا تامچىلىق ئەمەلىي تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

يەن شوۋلىن فوتوسى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى مىلىكئېرىق كەنتى يېزا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار كۇرسانتلارغا ياغاچچىلىق ئەمەلىي تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

يەن شوۋلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ