تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈرەتلىك ھېكايە | كەشتىچىلىك ۋارىسى يۇرتداشلارنى بېيىتتى

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى چاڭگۇ كەنتىدىكى كەشتىچىلىك تەربىيەلەش كۇرسىدا كەشتىچىلىك ھۈنىرى ئۆگەنمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «مودەنگۈلنىڭ ئۈستىگە ئانار كەشتىلەش، ئانارنىڭ ئۈستىگە نېلۇپەر كەشتىلەش، نېلۇپەرنىڭ ئۈستىگە بۇغداي كەشتىلەش، بۇ دەل قومۇل كەشتىچىلىكى، گۈزەل نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كەشتىلەشنى ياخشى كۆرىمىز...» دېدى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ۋارىسى قادىر راخمان.

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن قادىر راخمان قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتى 3-گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئالتە يېشىدىلا گۈل-گىياھ، كالا-قويلارنىڭ ئاددىي نۇسخىلىرىنى لايىھەلىيەلەيدىغان بولغان، كېيىن يەنە قەغەز قىيما قىيىشنى ئۆگەنگەن. 15 يېشىدا كەشتىچىلىك بىلەن ئۇچراشقان ھەم ئاپىسىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك كەشتىچىلىك كۇرسلىرىغا قاتناشقان.

2016-يىلى، قادىر قومۇل ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتى تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، سەنشى قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرگە كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ھەم ئۆگەنگەن كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى يۇرتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئويلىنىپ، «ھۈنەرۋەن» روھى ئارقىلىق قومۇلنىڭ خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان. قادىر شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھامى ۋە مەدىتىدە، دائىم كەنتلەرنى ئارىلاپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جەمئىي 3000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كەشتىچى ئايالنى تەربىيەلىدى، 80دىن ئارتۇق كەشتىچى ئايالنىڭ كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 

 قومۇلنىڭ خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى بولۇپ، 2008-يىلى 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2016-يىلى 3-ئايدا، سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قومۇل شەھىرىدە تۇنجى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلغان. بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەشتىچى ئاياللارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دەسلەپكى قەدەمدە سىياسەت ۋە نەزەرىيە، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، ھۈنەر-سەنئەت ۋە سۈپەت، كەسىپ ۋە داڭلىق ماركىدىن ئىبارەت بەش چوڭ سىستېما شەكىللىنىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ھازىر، قومۇل شەھىرىدە مۇكەممەل كەشتىچىلىك كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، يېزا-بازار دەرىجىلىك كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 20 نەچچىسى، كەنت دەرىجىلىك كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 50 نەچچىسى قۇرۇلدى، كەشتىچىلىك كەسپى 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت يۇرتداشنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قادىر راخمان كەشتىچىلىك ئىجادىيەت ئۆيىدە يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈپ، كەشتە بۇيۇمى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلماقتا.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۈلزىرە رامازان قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئەنشيۇ سارىيىدا كەشتە مەھسۇلاتى ئىشلىمەكتە.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت خىزمەت پونكىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا قومۇل كەشتە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.

11-ئاينىڭ 20-كۈنى، خېرىدارلار قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدە قۇدۇق كەنتىدىكى قومۇل ھەجەرخان خاس كەسىپلەر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كەشتىچىلىك كۆرگەزمە زالىدا مەھسۇلات تاللىماقتا.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قادىر راخمان كەشتە ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا كەشتە بۇيۇمى ئىشلىمەكتە.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قادىر راخمان قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى چاڭگۇ كەنتىدىكى كەشتىچىلىك كۇرسىدا كۇرسانتلارغا كەشتىچىلىك ھۈنىرى ئۆگەتمەكتە.

11-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر كەشتىچى ئايال قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدە قۇدۇق كەنتىدىكى قومۇل ھەجەرخان خاس كەسىپلەر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ماشىنىدا كەشتە مەھسۇلاتى ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ