تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسى: «يېزا-كەنت مىكرو پارتىيە دەرسى» ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە كىردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتى شيې شياۋيەن

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيە تارىخى دەرسى ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆرگەن، ئۆگەنگەنلىرى، ئويلىغان، ھېس قىلغانلىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بازا نەدە بولسا، «يېزا-كەنت مىكرو پارتىيە دەرسى» شۇ يەرگىچە ئۇزارتىلدى.

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەربىيە دەرسخانىسىنى چۇقۇ بازارلىق پارتىيە تارىخى سارىيىغا يۆتكەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا قىزىل مەدەنىيەت ئاساسىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىر قېتىملىق مەدەنىيەت مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەنىۋى ئىزدىنىشنى باشلاپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى بولۇشى، ئۆگىنىشنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشى، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«چۇقۇ بازارلىق پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش خۇددى تارىخ كارىدورىدىن ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ.» خوشۇت ناھىيەسى چۇقۇ بازىرىنىڭ كادىرى خۇ جىنشۈەن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە تارىخىدىن ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن».

پارتىيە ئەزالىرى قەيەردە بولسا، «يېزا-كەنت مىكرو پارتىيە دەرسى» شۇ يەرگىچە ئۇزارتىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارا يېزىسى شىنتارا كەنتى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى «يېزا-كەنت مىكرو پارتىيە دەرسى»گە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، ھەربىر پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخى لېكسىيە سۆزلەش بازىسى بولدى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخى لېكسىيە سۆزلىگۈچىسى بولدى.

«نەچچە ئادەم بىر يەرگە جەم بولۇپ، نەچچە مىنۇت سۆزلەپ، <مىكرو پارتىيە دەرسى> زور ئېنېرگىيەنى جارى قىلدۇردى» دېدى خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ شىنتارا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى گو مېڭشيەن.

ئىگىلىنىشىچە، خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى بەش چوڭ تۈردە 62 مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى تەسىس قىلىپ، 100 سائەتلىك پارتىيە دەرسىنى يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزۈش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى توغرىسىدا ھەمتۈرتكە شەكلىدە لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە مىكرو لېكسىيە سۆزلىگەن.

خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سەي جىخۇڭ مۇنداق دېدى: «100 سائەتلىك پارتىيە دەرسىنى يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك، جانلىق تىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئەستە تۇتالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.» ھازىرغا قەدەر، 100 سائەتلىك پارتىيە دەرسىنى يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى خوشۇت ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلەردە 700 مەيداندىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى