ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى گۇاڭمىڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىرىنى كۆرسىتىش نەتىجىسى بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئىلياس گايىت بىلەن دورجى نىما 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن شەخس» بولۇپ كۆرسىتىلگەن.
ئىلياس گايىت، ئەر، ئۇيغۇر، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەشرىپى (شىنجاڭ ئۇيغۇر دولان مەشرىپى)نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى.
ئىلياس گايىت (سولدا). ماتېرىيال سۈرەت
ئۇ «دولان يۇرتى» ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت سارىيى تەشكىللىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتۈپ، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كۇرسانتلارغا دولان مەشرىپىنى ئورۇنداش ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي ھەرىكەت، قول ئىشارىتى، ئۇسسۇل ئىشلەش ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن. 2011- يىلى جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئېچىلغان چاغدا، ئۇ يەنە ساراي ئىچىدە دولان مەشرىپى ئويناپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان، 2023- يىلى 6- ئايدا ئۇ 2022- يىللىق شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس بولۇپ تاللانغان.
دورجى نىما. سۈرەت مەنبەسى: گۇاڭمىڭ تورى
دورجى نىما، ئەر، موڭغۇل، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان جاڭغىرنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى.
«جاڭغىر يۇرتى» قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دورجى كىچىكىدىن تارتىپلا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان جاڭغىرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى بولغان بوۋىسى جا جۇنەيدىن «جاڭغىر» ئېيتىشنى ئۆگەنگەن، ھازىر جاڭغىرنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسىغا ئايلانغان. دورجى «جاڭغىر»نى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىزچىل قاتنىشىپ، يۇرتىدا جاڭغىر ئېيتىش سىنىپى ئېچىپ، 100دىن ئارتۇق كىچىك جاڭغىرچى (جاڭغىر ناخشىچىسى)نى يېتىشتۈرگەن.