شىنجاڭلىق ياش فوتوگراف جاڭ جېنيۈەن ( توردىكى نامى @ۋەنشېشى (万摄师@))، كامېراسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلىرىنى خاتىرىلەپ، بىز ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلدى.
«شىنجاڭدا ياشاۋاتقان فوتوگرافلار ئىنتايىن بەختلىك، چۈنكى شىنجاڭدا ھەر خىل يەر شەكىللىرى بار، دېڭىزدىن باشقا ھەممە نەرسە بار.» @ۋەنشېشى ئۆزىنىڭ يۇرتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى.
سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بۇيان، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ساياھەت جەريانىدا، ئاشۇ ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۈرەتكە تارتىش خاتىرىلەشلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل «تەقەززالىق بىلەن ئۇچرىتىش»تىن ئىبارەت قىممەتلىك تەسىرات ئىدى. ھەر قېتىم تاسادىپىي ئۇچراتقان ھەربىر ئاجايىپ مەنزىرە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىر قېتىملىق چوڭقۇر سۆھبىتىدۇر.
«بۇ يەردە تۇغۇلغاچقا، ئۆزۈمنىڭ خاس شەكلى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا بولغان بىر خىل يېڭى تونۇشىنى نامايان قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.» @ۋەنشېشى ئۆزىنىڭ كامېراسى ئارقىلىق، بىزگە ئوخشاش بولمىغان شىنجاڭنى ھېس قىلدۇردى. بىز ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، بۇ تۇپراقنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلايلى.
«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ (视觉新疆)»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى