ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىشتا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدە قىش پەسلىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت 8:00دىن 20:00گىچە كىچىك تىپتىكى ئۆي ئاپتوموبىلى ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى قاتناپ، ساياھەتچىلەرگە مايتاغ-كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
قىزىليار جىلغىسى. كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ تەمىنلىگەن
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى كۇچا شەھىرىدىن تەلەمەت داۋىنى تونېلىغىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 147 كىلومېتىر بولۇپ، لىنىيە بويىدا چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى مەنزىرە رايونى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى، قىزىليار جىلغىسى، تۇزلۇق ئېقىن مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرى بار. جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان بولغاچقا، لىنىيە بويىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن ئانچە ئېگىز ئەمەس، تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىش پەسلىدە قار نىسبەتەن ئاز ياغىدۇ.
كۇچا مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى سەمىمىي ئەسكەرتىشى: مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدە ھەر كۈنى سائەت 20دىن ئەتىسى سائەت 8 گىچە يول يۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، تاغنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆزگىرىشچان، ساياھەتچىلەر قېلىنراق كىيىنىۋېلىشى كېرەك، ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلسە مايتاغ-كۇچا تاشيولى ۋاقىتلىق تاقىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى