بۇ مەۋسۇمدە شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى تۇنجى تۈركۈمدىكى 1000 نەپەر تولۇق كۇرس يېڭى ئوقۇغۇچىسىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، تەسىس قىلىنغان مول دەرسلىكلەر ۋە قولايلىق تۇرمۇش شارائىتى كۆپچىلىكنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا ناھايىتى تېز ماسلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى مائارىپ ئىلمى، سانائەت پەنلىرى، تېببىي پەننى يادرولۇق پەن قىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە، يەسلى مائارىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، سانلىق مەلۇمات ئىلمى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى، تېببىي تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت ئالتە تولۇق كۇرس كەسپىنى تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فۇدەن داشۆ، پايتەخت سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 33 ئالىي مەكتەپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەسىس قىلدى. بۇ كەسىپلەر ھەم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ھەم ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىدۇ.
«بۇ يىل بىز يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدۇق، بۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيولوگىيە قۇرۇلۇشى، چوڭ ساغلاملىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى قاپلايدىغان بولۇپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلىدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى خوتەنگە كېلىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلىشنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ماھارەت ئۆگىنىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىجيەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى