ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىل ئاسفالت ئارىلاشما ماتېرىيالىنى يېيىتىش، چىڭداشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 12-قۇرۇلۇش بۆلىكى ئاساسىي لىنىيە يول يۈزى تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، كورلىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكىدە يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلاشقا ئاساس سېلىندى.
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 12-قۇرۇلۇش بۆلىكىدە قۇرۇلۇش خادىملىرى ئاسفالت ياتقۇزۇپ چىڭدىماقتا. رېن چىڭ فوتوسى
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى 12-قۇرۇلۇش بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 78.8 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر.
قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، 12-قۇرۇلۇش بۆلىكىدىكى ئاساسىي لىنىيە يول يۈزى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قوشۇمچە قاتناش بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، بەلگە، بەلگە سىزىقى سىزىش قاتارلىقلار تېزلىتىلىپ، يىل ئاخىرىدا كورلىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان يول بۆلىكىدە قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 319.719 كىلومېتىر بولۇپ، كېلەر يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى ھازىرقى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ، بۇ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى