تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش | كەنتتىكى «بالىلار ئائىلىسى»دە كۈلكە ساداسى ياڭرىدى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر تېڭ فېي خەۋەر قىلىدۇ) «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك...» ئۆيدىن بالىلارنىڭ خۇشال ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ، پۈتۈن كارىدورنى قاپلىدى.

  يېقىندا، لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى كانچى ئېرىق كەنتىدىكى «بالىلار ئائىلىسى»نى خۇشال كۈلكە سادالىرى قاپلىغانىدى. بالىلار تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ، ئابدۇخەبەر ئابدۇللانىڭ تۇغۇلغان كۈن تورتىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولدى.

  «بالىلار ئائىلىسى»گە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆي ئىچى تەخمىنەن 20 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بوشلۇق چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئىللىق تۈستە بېزەلگەنىدى. تاملار كارتون سۈرەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، بالىلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقاندىكى سۈرەتلىرى چاپلانغان، كىچىك پارتا-ئورۇندۇقلار رەتلىك تىزىلغان، كىتاب جازىسىدا رەسىملىك كىتاب، رېزىنكە لاي، سۇ بوياق قەلىمى ۋە بىر قىسىم ئويۇنچۇقلار بار ئىدى.

  بۇنىڭغا ئوخشاش «بالىلار ئائىلىسى»دىن جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سېتىش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىت شۆبە شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىدا تۆتنى قۇردى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ماھارەت تەربىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ياش-ئوتتۇرا ياشلىقلار سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆيىدە قالغان بالىلار ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ غەم-ئەندىشىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا «بالىلار ئائىلىسى» تەسىس قىلىپ، بالىلارغا ھەمراھ بولالمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان ئائىلىلەرنى «خاتىرجەم ئارامگاھ» بىلەن تەمىنلىدى.

  كانچى ئېرىق كەنتىدىكى ئالىم قۇرباننىڭ ئوغلى، كېلىنى ئىككىلىسى ناھىيە بازىرىدا ئىشلەيدۇ، كىچىك نەۋرىسىنى ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە باقىدۇ. كەنتتە «بالىلار ئائىلىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇ دائىم نەۋرىسىنى بۇ يەرگە ئويناش، دەرس ئاڭلاشقا ئېلىپ كېلىدۇ. «بۇ بالا بەك ئىچ مىجەز، ئادەمنى كۆرسىلا خىجىل بولىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ دائىم باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ، مىجەزىمۇ خېلى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ قالدى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەمدى يەسلىگە بارمايمەن دېمەيدىغان بولدى» دېدى ئالىم.

  «بالىلار ئائىلىسى»دە ئويناۋاتقان گۈلزار ياسىن مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەن نۇرغۇن دوستلار بىلەن بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەپ، بىللە ئويناپ، بىللە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزدۈم، يەنە يوغان تورتمۇ يېدىم، مەن بۇ يەرنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم».

  «<بالىلار ئائىلىسى> بالىلارنى ئوينايدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە بالىلارغا تاماق بېرىش، تاپشۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇنىڭدىن سىرت، بىز زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردۇق» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، 1-شۇجى ما كېۋېي.

  2021-يىلى يىل بېشىدا تۇنجى «بالىلار ئائىلىسى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىدا «بالىلار ئائىلىسى»دىن تۆتنى قۇرۇپ، 60تىن ئارتۇق ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. بۇ تۆت «بالىلار ئائىلىسى»گە جەمئىي 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئاساسلىقى ئۆي بېزەش، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە بالىلار ئويۇنچۇقى، رەسىملىك كىتاب سېتىۋېلىش ۋە بالىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقىنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىلدى.

  «< بالىلار ئائىلىسى> بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئائىلىسىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. خىزمەت ئەترىتىمىز قەرەللىك ھالدا ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زىيارەت قىلىپ، ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى ما كېۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ