تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېلىشىنەن كەنتى: ئالقات كەنتىنىڭ يېڭى «بېيىش» يولى بار بولدى

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ) «كۆممىقوناق، يېمەكلىك ئاپتاپپەرىسى، ئالقات، پاختىلارنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىنىپ بولدى. بۇ ئىككى كۈندە 500 مودىن ئارتۇق يەردىكى پەرەڭ لازىمۇ يىغىپ بولۇنىدۇ، بۇ يىلقى مول ھوسۇل ھېساباتىنى ياخشىراق ھېسابلىمىسام بولمايدۇ.» 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ يىلقى ھوسۇل تىلغا ئېلىنغاندا جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى يېلىشىنەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جىنشېڭنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

    «نەچچە يىل ئىلگىرى كەنتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە بولغاچقا، قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى بېيىتىش بىر چوڭ قىيىن مەسىلىگە ئايلانغانىدى.» ماجىنشېڭ ئەسلەپ شۇنداق دېدى: يېلىشىنەن كەنتىدە 10 مىڭ موغا يېقىن يەر بار، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، يېرىمدىن كۆپرەك يەرگە ئالقات تېرىلغان. يېلىشىنەن كەنتى داڭلىق ئالقات كەنتىگە ئايلانغان. كېيىن قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشقاچقا، ئالقات سۈپىتى تۆۋەنلەش، سېتىش شەكلى يەككە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.

    ماجىنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات بوغما ھالىتىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بۇ يىل يېلىشىنەن كەنتى سورت كىرگۈزۈش، مايسا يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نۆۋەتتىكى بازاردىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئەلا بولغان ئالقات سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+كارخانا+دېھقان ئائىلىسى+بازا»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، يەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ، بىرتۇتاش تېرىپ، ئۆلچەم بېكىتىپ، تېرىقچىلىق، پىششىقلاش، ئوبوروت ھالقىسىدا سۈپەت سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئالقات سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئالقات ئۆستۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

    بۇ يىل، كەنتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالقات قۇرۇتۇش زاۋۇتىمۇ ئالقاتلارنى زاپاس ساقلاش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. «قاقلاپ قۇرۇتۇش زاۋۇتلىرى ئاساسلىقى ئالقات، لازا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇتۇش، پىششىقلاش، ئوراش، ساقلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ» دېدى ما جىنشېڭ.

    يېلىشىنەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش ما جىنشېڭ ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. 2020-يىلى، يېلىشىنەن كەنتى يەر ئوبوروتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدىكى پارچە يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، مەبلىغى، تېخنىكىسى بار تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا بەردى ھەمدە يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، 4000 مو يەرگە كۆممىقوناق، 3000 مو يەرگە كىرىشتۈرۈپ ئالقات بىلەن لازا، 1000 مو يەرگە يېمەكلىك ئاپتاپپەرىسى تېرىدى. بۇ يىللىق ھوسۇل يىغىش پەسلىدە پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    «بۇ يىل بىز كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق پەرەڭ لازا تېرىدۇق، ناھايىتى ياخشى ئۆستى، ھەر مو يەردىن 500 كىلوگىرامدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئېلىندى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 15 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ھېسابلاپ كۆرسەك، ھەر مو يەردىن 7000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى جىڭ ناھىيەسى جىنيۈفېڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ گوچۈەن خۇشال ھالدا.

    «ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدىم، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدۇم، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 نەچچە يۈەن كىرىم قىلىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى جاۋ جيەنلۇڭ.

    «نۆۋەتتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 19 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى، لېكىن مېنىڭچە يەنىمۇ ئېشىش ئىمكانىيىتى بار.» كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، ما جىنشېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ب‍‍ىز 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما ت‍‍ەرەققىياتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ي‍‍ېزا ئ‍‍ىگىلىكى، ئ‍‍ېكولوگىيە ق‍‍اتارلىق ئ‍‍ەۋزەل بايلىقلارنى پائال بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ