تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتى «شېكەر مانتا»غا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) «لوبەن، بىزگە ئورۇن ئېلىپ قويۇڭ، بۈگۈن چۈشتە بىز ئون نەچچىمىز تاماق يېگىلى بارىمىز...» 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەندىلا، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتى نىلو ئاشخانىسىنىڭ دۇكان ئىگىسى ئەلا سەمەت ئورۇن زاكاز قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «ئاپلا، سەت بولدى، بۈگۈن چۈشتىكى ئورۇن زاكاز قىلىنىپ بولغانتى.» ئەلا شۇنداق دەپ تېلېفوندا كەچۈرۈم سورىدى.

  بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئەلا ئازغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2019-يىلىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەنجۈر ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ پارچە-پۇرات ئىش قىلاتتى، كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، تۇرمۇشىمۇ غورىگىل ئىدى. 2019-يىلى 7-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، ئەلا بۇ ئاشخانىنى ئاچتى. 2020-يىلى 5-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاشخانىنى قايتىدىن لايىھەلەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، قورۇمىلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى.

  ئەلا مۇنداق دېدى: ئازغان كەنتى «ئەنجۈر ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ «ئالتۇن خەتلىك ماركا»غا تايىنىپ، ئاشخانىنىڭ سودىسى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر يەنە ئەنجۈر كاۋاپ، ئەنجۈر سامسا، ئەنجۈر داپەنجى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئەنجۈر ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى بازارغا سېلىندى. «بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدىغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بەك يېيىشلىك بوپتۇ دەيدۇ!» ئاشخانىسىنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەلانىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  ئازغان كەنتى ئەنجۈر كەسپىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، تېرىقچىلىق ۋە پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 3-كەسىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، ئېكولوگىيە ئىناق بولغان ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئەنجۈر +» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنجۈر بىلەن ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، تېرىقچىلىق، پىششىقلاش كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتكە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى. 2021-يىلى، ئازغان كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12084.39 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1402.08 يۈەن ئاشىدىغانلىقى؛ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 875 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 570 مىڭ يۈەن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ يىل، ئازغان كەنتى 2021-يىللىق جۇڭگونىڭ گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى ۋە دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

  بىزنىڭ كەنتنىڭ ئېغىزىدىكى ۋىۋىسكىغا «ۋاقىت سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئەمما بەخت ئازغان كەنتىدە سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ» دەپ يېزىلغان. ھەر قېتىم بۇ خەتنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، ھەربىر مىنۇت، سېكونتنى قەدىرلىگەندىلا، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزەلەيمەن» دېدى ئەلا.

  «ئازغان كەنتى داۋاملىق ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايون ئورنى، بايلىق، خاسلىق، ئېكولوگىيە قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دەرەختىكى <شېكەر مانتا> ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى شېرىن تەمگە ئىگە قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى لى دېشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ