تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىگە جايلاشقان لۈنۇڭ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، سول تەرەپكە يەم-خەشەكلەرنىڭ رەتلىك تىزىپ قويۇلغانلىقى، ئوڭ تەرەپتىكى كالا قوتىنىدا 20گە يېقىن كالىنىڭ ئوت-چۆپ يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياسىن مەتتۇرسۇن كالا قوتىنىنى ئەمدىلا تازىلاپ بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان كالىلارغا يەم-خەشەك ۋە سۇ بېرىۋاتاتتى.
«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىككى كۈن بۇرۇن 30 تۇياق كالىنى سېتىۋەتتى، ھازىر مۇشۇ كالا ۋە 50 نەچچە تۇياق قويلا قالدى» دېدى ياسىن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، ياسىن بۇ كەنتتىكى ئالتە كەنت ئاھالىسى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغانىدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى گۆش كالىسى، گۆش قويى بورداپ بېقىشنى ئاساس قىلىپ، كالا، قوي قىغىنى ئورگانىك ئوغۇت قىلىپ پىششىقلاپ ئېتىزغا قايتۇرۇپ، پاكىز باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باقمىچىلىق تەجرىبىسى بولمىغاچقا، ياسىن شۇ جايدىكى مال دوختۇرى ۋە كەسپىي باقمىچى ئائىلىلەردىن تەلىم ئېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، مول باقمىچىلىق تەجرىبىسى توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياسىن يەنە باقمىچىلىقنى ئۆگەنگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە پائال تەجرىبە ئۆگىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. «يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، بىز بۇ يىللىق پايدا تەقسىملەش مەبلىغىنى تارقىتىمىز، مۆلچەرلىشىمىزچە ھەربىر ئادەمگە 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە توغرا كېلىشى مۇمكىن» دېدى ياسىن.
«كېيىنكى قەدەمدە، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، تىرىشىپ گۈزەل مۇھىت يارىتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ياسىن كالا قوتىنىدىكى يەم-خەشەك يەۋاتقان گۆش كالىلىرىغا قاراپ ئىشەنچكە تولغان ھالدا.