شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزىسىدىكى شىنجىنۇڭ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كۇرسانتلار ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنىڭ مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە. يېقىندا، جىمىسار ناھىيەسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ئالىي ماھارەت تەربىيەسى كۇرسى ئېچىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا تايانچلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، نەق مەيداندا كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق كۇرسانتلارغا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ مەشغۇلات تېخنىكىسى ۋە كۈندىلىك رېمونت قىلىش - ئاسراشنى ئۆگەتتى.
خې لۇڭ فوتوسى