تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جىڭدا كىچىك ئالقات چوڭ كەسىپكە «ئايلاندى»

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچى جىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئامبىرىدا ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى رەتلىمەكتە.

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى  شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالقات يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالقات ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ، كىچىككىنە ئالقات قىزىل مېۋىسى قۇرۇق مېۋە، قويۇلدۇرۇلغان شەربەت، ئىچىملىك قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 130 مىڭ موغا، يىللىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننىغا يەتتى، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 13ى بار بولۇپ، قويۇلدۇرۇلغان ئالقات شەربىتى، ئالقات پىۋىسى، ئالقات تالقىنى قاتارلىق 14 تۈرلۈك مەھسۇلات، 23 سۈپەتلىك ماركىنى ياراتتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر خېرىدار ئالقات ئىچىملىكىنى تېتىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچى شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخىدا ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچى شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخىدا ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ