تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇملۇقتا شال ئېتىزلىرى تۇتاش كەتتى، كەنت ئاھالىلىرى خۇشال-خۇرام ئىشلەپ، خاتىرجەم ياشىدى

     6-ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا . سۈرەت

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆيىدە ئاچقان كەشتىچىلىك دۇكىنىدا كەشتە مەھسۇلاتى ئىشلىمەكتە. 

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شالدىن مول ھوسۇل ئالغان كەنت ئاھالىسىنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل خۇشاللىقى جىلۋىلەندى. 

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھويلىسىغا تېرىغان بەسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاللىق كەنتىدىكى «چالغۇلار ئائىلىسى»دە، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى ئەستايىدىل رېپېتىتسىيە قىلماقتا. 

خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر (11-ئاينىڭ 18-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۈگۈنكى كۈندە شاللىق كەنتىدە شال ئېتىزلىرى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە قۇملۇق شال ئېتىزى مەنزىرىسى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى بۇ كەنتنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. 

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئورغاقسىمان شال ئېتىزى، تۈپتۈز، پاكىز كەنت يولى، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە دېھقان ھويلىلىرى... قىشتا ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىگە كىرسىڭىز، كەسىپلەر گۈللەنگەن، يېزا-كەنتلەر گۈزەل، دېھقانلار باي بولغان بەخت يۆگىمە رەسىمى ئاستا-ئاستا كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. 

    شاللىق كەنتى ئۇزاق شال ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان گۈرۈچنىڭ دېنى پۈتۈن ھەم قىزىل سىزىقچىسى بار بولۇپ، بازاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، شاللىق كەنتىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 

    يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتەك شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شاللىق كەنتى يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى . مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەنتى ئورۇن بەلگىلىشىگە ئاساسەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «غىزالىنىش، قونۇش، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت خاس كەنتىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى. 

    ​ئىللىق قۇياش نۇرىدا، «ياڭ گۇاڭ» ماگىزىنى ئالدىدا تۇرغان ھاجىگۈل تۇردىمەمەت شال ئېتىزى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى «باي-باياشات» كەشتىسىنى كەشتىلىدى: شاللىق پولۇخانىسىنىڭ لوبىنى ئەخمەتتوختى ئىقىلىم ئەمدىلا پىشقان پولۇغا قاراپ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى؛ كونا تونۇر پۇقراۋى قونالغۇسى ئالدىدا، مەتتۇرسۇن ئالاۋۇدۇننىڭ خوتۇنى بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن سامسا جىلتىسى ئېچىۋاتاتتى... بۈگۈنكى شاللىق كەنتىنى كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان غەيرەت ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرى تولۇپ تاشتى.

   ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، ساياھەتچىلەرنى ئۇزىتىپ قويغان شاللىق كەنتى يەنە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، چوڭلار، بالىلار كەنت ئېغىزىدىكى «چالغۇلار ئائىلىسى»نىڭ ھويلىسىدا ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئامراق دۇتارىنى چېلىشىپ، شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى... ئىلگىرىكى «قۇم بارخانلىرى» بۈگۈنكى كۈندە «خۇش پۇراقلىق شاللىق»قا ئايلاندى، بۇ، شاللىق كەنتىدىكى 219 كەنت ئاھالىسى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ سىزىپ چىققان گۈزەل يۆگىمە رەسىم ئىدى. 

  بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ