تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ئاقتاش كەنتىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بار بولدى

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

  «<ئېتىز زىيالىيلىرى>نىڭ قولمۇقول ئۆگىتىشى بىلەن، مېنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكام ئاشتى، كېلەر يىلى كىرىمىممۇ چوقۇم ئاشىدۇ.» دېدى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، چىرا ناھىيەسى نۇرى يېزىسى ئاقتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى مەمەت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

  ئابدۇغېنى تىلغان ئالغان «ئېتىز زىيالىيلىرى» كەنت يېڭىدىن تەكلىپ قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئاقتاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ليۇ خۇڭلياڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىللە، كەنتكە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەجرىبىسى مول يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىدىن بەشنى تەكلىپ قىلدى، بۇ ئىش ئېھتىياجى بار كەنت ئاھالىلىرىنى خۇشال قىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ليۇ خۇڭلياڭ ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كوللېكتىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئېتىز زىيالىيلىرى»غا كۆز تىكتى، ئۇلار شۇ جايدىكى ئىككى چوڭ كەسپىي كوپىراتىپتىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەجرىبىسى مول ماھىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تېخنىكا يەتكۈزۈش، كەسىپ بازىسىدا شاگىرت بولۇش، كالا، قويلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، كۆكتات تېرىش، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساھە بويىچە پارتىيە ئەزالىرى پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 15نى يېتىشتۈردى، 143 كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  «بىز تىلدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تېرىقچىلىق، گۈل ئۆستۈرۈش ئۇستىسىدىن بەشنى تاللاپ، ئۇلارغا يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى تەكلىپنامىسى تارقىتىپ بەردۇق.» دېدى ليۇ خۇڭلياڭ. بۇ بەش يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاقتاش كەنتى ئەتراپىدىكى پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى، بېيىش باشلامچىلىرى بولۇپ، يەم-خەشەك تېرىقچىلىقى ساھەسىدىكى «ئېتىز زىيالىيلىرى»مۇ، نەسىللىك كالىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باقىدىغان «كالا باققۇچىلار»مۇ، يەنە خاس تېرىقچىلىق بېيىش ماھىرلىرىمۇ بار. «ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دائىم كېلىپ تۇرىدۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار <يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر>دەك ھەر ۋاقىت كېلىپ بولالمايدۇ، تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىلەر ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ۋە قىزغىن، تەجرىبىسى مول، شۇڭا ئامما ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» دېدى ليۇ خۇڭلياڭ.

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىزگە تېخنىكا ماھىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ماسلاشتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، مەن گۈللەرنى بۇنچە ياخشى ئۆستۈرەلمىگەن بولاتتىم، بۇنچە كۆپ پۇل تاپالىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى!» دېدى كەنت ئاھالىسى گۈلئايىم نۇرمەمەت مىننەتدارلىق بىلەن.

  ئىلگىرى گۈلئايىم ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىنچىلىقتا ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر»، «ئېتىز زىيالىيلىرى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ پارنىكتا گۈل ئۆستۈردى، گۈل بېقىش، گۈل سېتىشقا تايىنىپ ئىشىك ئالدىدىلا بېيىش تېز پويىزىغا چىقتى، ئايلىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7000 يۈەندىن ئېشىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق گۈل تېرىش، پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىگە ئايلاندى.

  «يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى قوشۇنىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ئادەم بولۇش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولۇش، بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشكەسىپنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ پۇختا پەن-تېخنىكا تىرىكى بولدى.» دېدى ليۇ خۇڭلياڭ.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىش، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش، پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىنى يېتىشتۈرۈش... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقتاش كەنتى ياچېيكا يېتەكلەش، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇش، چوڭ ئائىلىلەر تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ