تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

كەنتتە تىرانسپورت شىركىتى بار بولدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) ھەر كۈنى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەنت بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئارىلىقىدا چېپىپ يۈرگەن جۇماخۇن ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلاتتى.

  جۇماخۇن ئۇلۇغچات ناھىيەسى تېرەك يېزىسى قارا تېكە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، B2 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغانىدى. «مەن ھازىر كەنتتىكى تىرانسپورت شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، مۇقىم كىرىمىم بار» دېدى جۇماخۇن.

  2020-يىلى 3-ئايدا، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قارا تېكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى لى جىۋېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كەنتتە قاتناش قولايلىق بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. نېمە ئۈچۈن تىرانسپورت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرمايمىز؟

  كەنتتە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى B2دىن يۇقىرى بولغان كەنت ئاھالىسىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيتتى، ئۆيىدىن يىراق، چىقىمىمۇ كۆپ ئىدى.

  كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، لى جىۋېي ئاتۇش شەھىرى تېڭيۈنفېي قۇم-شېغىل ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كاڭ رۇڭنى ئىزدەپ تاپتى. لى جىۋېينىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى ئاستىدا، كاڭ رۇڭ قارا تېكە كەنتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن، 2020-يىلى 10-ئايدا ئۇلۇغچات ناھىيەسى قارا تېكە نامراتلارنى يۆلەش تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى.

  لى جىۋېي يەنە قىزىلسۇ ئوبلاستى چىڭسۇڭ سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، لى جىۋېينىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ شىركەت بىر قىسىم سېمونتنى توشۇش ۋەزىپىسىنى كەنت تىرانسپورت شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىشنى قارار قىلدى.

  كەنتتە تىرانسپورت شىركىتى بار بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىرتتا يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى كەينى-كەينىدىن كەنتكە قايتىپ كەلدى. «سىرتتا ھەيدىسەكمۇ، ئىشىكىمىز ئالدىدا ھەيدىسەكمۇ ئوخشاشلا يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىكەنمىز، ئۇنداق بولغانىكەن نېمىشقا كەنتتىكى تىرانسپورت شىركىتىدە ئىشلىمەيمىز؟ يەيدىغان، تۇرىدىغانغا كېتىدىغان پۇل تېجىلىپ قالغاندىن باشقا، يەنە كۈندە ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بولالايمىز، بۇ نېمىدېگەن ياخشى.» جۇماخۇننىڭ ئېيتىشىچە، جۇماخۇننى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، ھازىر يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەشكە تايىنىپلا ھەر ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن.

  «كەنتتە يەنە بەش ياش شوپۇرلۇق بويىچە تەربىيەلىنىشكە تىزىملاتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن تىرانسپورت شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىش تېز يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى لى جىۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ