تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈزۈمچىلىك كەنتىدىكى يېڭى قىياپەت

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۈيلىن

«بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئادەتتە سەپەرگە چىقساق ۋە ئۈزۈم توشۇساق مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بۇ يولنى يېڭىلاپ ئوڭشىساق، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىش سۈرئىتىمىز تېخىمۇ تېزلىشىدۇ» دېدى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇختەر ئەخمەت 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ياسىلىۋاتقان يولغا قاراپ خۇشال ھالدا.

ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بار بۇ كەنتتە، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 4000 مودىن ئاشىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە نوقۇل بىر خىللا كەسىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى قاندۇرالماي قالدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خاس كەسىپنى قانداق قىلىپ قايتا ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش بىر ئەمەلىي تېمىغا ئايلانغانىدى.

تۇرپان گېزىتخانىسىنىڭ بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نەزەرىنى تۇرپان شەھىرى ئالغا سىلجىتىۋاتقان پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قاراتتى. «بۇلاق كەنتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شەھەر رايونىغا يېقىن، كەنتتىكى ئۈزۈملەرنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئۈزۈش، تاماشا قىلىش ۋە سەيلە قىلىشنى ئاساس قىلغان يېزا-كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن زور ئىستىقبالغا ئىگە» دېدى تۇرپان گېزىتخانىسىنىڭ بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما گۈيجېن.

يۆنىلىش بېكىتىلدى، گەپ ھەرىكەت قىلىشتا قالدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ئالدى بىلەن كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ياخشىلىدى. كەنت قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، كىچىك سەيلىككە سەي تېرىدى، مەدەنىيەت تېمىغا رەسىم سىزدى...

سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئۆمەر ئىبراھىم يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلاپ، كەنتكە قايتىپ كېلىپ، مەنزىرىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش ئەترىتىگە قاتناشتى. «يۇرتىمىزنى ئەلۋەتتە ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، ياخشى قۇرۇپ چىقساقلا، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلىيەلەيمىز، ساياھەتچىلەر كەلسە، كەنتىمىزنىڭ ئۈزۈملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساتالايمىز. ھەممىلا يەردە سودا پۇرسىتى بولىدۇ، ھەممىلا يەردە كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايمىز» دېدى ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

كەنتتىكى 350 مېتىرلىق ئوچۇق كارىز مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتكەندىن باشقا، بۇلاق كەنتى يەنە يۈرۈشلۈك خاس دېھقانلار ئارامگاھى، قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانى، كارىز ئۆرپ-ئادەت كوچىسى، ئۆرپ-ئادەت كىچىك دۇكىنى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تاماشا قىلىدىغان، پىيادە ماڭىدىغان، ئارام ئالىدىغان جاي، يېمەك-ئىچمەك ھەم تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى.

يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەقەت مەنزىرە بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇ جاينىڭ خاس ساياھەت تاۋارلىرى بار بولسا ئاندىن يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى بېيىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇلتۇر، كەسپى تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىچە، بۇلاق كەنتىنىڭ تۇپرىقىدا سېلېن مول بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرھال سېلېن مول ئۈزۈم، سېلېن مول ئۈجمە، سېلېن مول كالا-قوي گۆشى قاتارلىق بىر يۈرۈش خاس كەسىپلەرنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كارخانا» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خاسلىققا ئىگە، سۈپىتى ياخشى تاۋارلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

نوقۇل بىر خىللا كەسىپ ئەندىزىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇلاق كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ما گۈيجېن تونۇشتۇرۇپ مۇندق دېدى: كەنت يەنە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ساياھەت يارقىن نۇقتىلىرىنى داۋاملىق يارىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە ساياھەت تاۋارلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىدۇ.

بۇ يىللاردىكى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغان كەنت ئاھالىسى رۇقىيە ھەبىبۇللا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەللەشكەنلىكى پەقەتلا بىر كىچىك ئۆزگىرىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكى، كۆپچىلىكنىڭ روھىي قىياپىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلاشقانلىقى، كەنتنىڭ بارغانسېرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقى بۇلاق كەنتىنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلىرىدۇر».

بۈگۈنكى كۈندە، بۇلاق كەنتى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كەنت گۈزەل، خەلق بېيىغان خاس ئۈلگىلىك كەنت بولۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ