تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇبۇقسار: يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

   [پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش  ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش  ئەمەلىي ئىش قىلىش  يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش]

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن دەي جياۋمېي خەۋەر قىلىدۇ

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىر قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى كىچىك ئوتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى كىچىك ئوتبۇلاق كەنتىگە كىردى، كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شياۋچاڭچۈەن باغچىسىدا ساياھەتچىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.

  بىرنەچچە ساياھەتچى كەنت ئاھالىسى دۇگېجاپ لىجيا ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ھويلىسىنىڭ پاكىز، جوزا-ئورۇندۇقلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى. «بۇ يىل چارۋىچىلار ئارامگاھىمىزنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،كىگىز ئۆينى كۆپەيتتۇق، مۇھىتىمىز ياخشىلانسا، سودىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ» دېدى دۇگېجاپ.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كىچىك ئوتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، 12 چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلدى.

  كىچىك ئوتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەيدان باشلىقى تاۋ گوچىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز يەنە چارۋىچىلىق مەيدانىدا بەرپا قىلغان بەينياۋ چاۋفېڭ باغچىسىدا ھەقسىز يايما ئورنى، ئاشخانا، ياغاچ ئۆي كاۋاپخانىسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تىجارەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇبۇقسار «شەھەرنى باغچىغا قۇرۇش، باغچىنى يېزىغا قۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 11 يېزا-بازار، مەيداندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 28 ئېكولوگىيە باغچىسى قۇردى؛ «بىر ئائىلىدە بىر مەھسۇلات بولۇش» ئۆزگەرتىش لايىھەسى بويىچە، 30دىن ئارتۇق ئېسىل چارۋىچىلار ئارامگاھى بەرپا قىلدى؛ بىر تۈركۈم خاس يېزا كەسىپلەر باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساياھەت ئارامگاھىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى يېزا-بازارلار ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھازىرقى ئاساستا يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  مۇخبىر بۇ ناھىيەنىڭ چاغانكۆل يېزىسى ئىككۈرە كەنتى قىزىل تەربىيە بازىسىدا، 100 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كەنت پارتىيە تارىخى سارىيىدىكى تۈرلۈك ھۆججەت-ماتېرىيال، سۈرەت، ئالاقىدار كونا بۇيۇملارنىڭ تەرتىپلىك تىزىلغانلىقىنى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدىغانلىقىنى كۆردى.

  چاغانكۆل يېزىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تارىخى سارىيى قۇردى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىزىل بازا قىلىپ كېڭەيتىپ قۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەنت پارتىيە تارىخى سارىيى 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، قۇبۇقسار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 655 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.35 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.26 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ