تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭلىق پاختىكار لاۋ لۇ: ئەتىيازدا «ئۈمىد» تېرىپ، كۈزدە «بەخت» يىغىۋالىمىز

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، لۇ گاۋلىن ئاتا-بالا تەكلىپ قىلغان ئىشچىلار بىلەن بىللە ماشىنىدا كېۋەز تېرىماقتا. (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان)

يازدىكى ئېتىز پەرۋىشى مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئاسرىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ لۇ گاۋلىن ئائىلىسىنىڭ كېۋەزلىكىگە دورا چاچماقتا. (7-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان)

كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، لۇ گاۋلىن ئەكەلدۈرگەن پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا. (10-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ خەۋىرى، فوتوسى) 56 ياشلىق پاختىكار لۇ گاۋلىننىڭ ئۆيى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىدە، بۇ يەر شىنجاڭنىڭ مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە 2021-يىلى تېرىلغان كېۋەز كۆلىمى 1 مىليون 760 مىڭ مودىن ئاشتى، كېۋەز تېرىش شۇ جايدىكى پاختىكارلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى.

  كېۋەز تېرىش تىلغا ئېلىنغاندا لۇ گاۋلىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «كېۋەز تېرىشتىكى مەقسەت تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش، بىر كۈنلەردە بۇ ئىشنى قىلمىسام، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ.» ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتىن يازدىكى، كۈزدىكى سۇغىرىش، ئوتىنى ئوتاش، دورا چېچىشلارغىچە، ئاخىرىدا كۈزدە ھوسۇل يىغىۋالغىچە... بۇ، لۇ گاۋلىننىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئالدىراش يۈرۈش رىتىمى ئىدى.

  ئەمما، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، كېۋەز تېرىش، يىغىۋېلىش شەكلىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

  ئادەم كۈچى بىلەن پاختا يىغىدىغان مەزگىللەردە، لاۋلۇ ئائىلىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 80-70 مو يەرگە كېۋەز تېرىيتتى، پەقەت پاختا يىغىۋېلىشقىلا ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلاتتى. يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر ئوبوروت قىلىنغانلىقتىن، لاۋلۇ ئائىلىسى بۇ يىل تېرىش كۆلىمىنى 960 موغا كېڭەيتتى. لۇ گاۋلىن مۇنداق دېدى: «بىر ئائىلە 1000 موغا يېقىن يەرنى تېرىيمىز، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق».

  كېۋەزنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، بەزى كەنت ئاھالىلىرى لۇ گاۋلىن بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ كۈنلۈك ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ماشىنىدا تېرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چېچىش، ماشىنىدا پاختا يىغىش قاتارلىق بۇنداق يېڭى ئېقىمدىكى كېۋەز تېرىش شەكلى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى تىراكتور بىلەن دورا چېچىشقا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل يازدىكى ئېتىز پەرۋىشىدە، لۇ گاۋلىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى قىلدى. بۇ خىل ھەم تېز، ھەم ياخشى مەشغۇلات شەكلىنى كۆرۈپ، لاۋلۇ ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى.

  10-ئايدىكى پاختا يىغىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لۇ گاۋلىن يەنە تېخىمۇ چوڭ پىلان تۈزدى: كېلەر يىلى، باشقا دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شېرىكلىشىپ تەخمىنەن 6 مىليون يۈەنگە پاختا يىغىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ھەم ئۆز ئائىلىسىگە قولايلىق يارىتىپ، يەنە پاختا يىغىپ كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ