تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆكدالانىڭ شېئىرىي تۈس ئالغان كۈز مەنزىرىسى

  ئاپتورلار: سۈي كەي، لى خۇي ​

  كۈز ئەڭ سېخىي پەسىل، كىشىلەرگە مول مېۋە-چېۋە ۋە ھاياتلىقنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ كۈز شۇنداقلا ئەڭ رەڭدار پەسىل، ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەرنى رەڭدار تون بىلەن ئوراپ، شەھەرگە شېئىرىي تۇيغۇ بېرىدۇ.

  ئەگەر بۇ ۋاقىتتا، سىز كىچىك شەھەر كۆكدالاغا كەلسىڭىز، بۇ ياش شەھەرنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل ئىكەنلىكىنى، ھەربىر كوچا، ھەربىر مەنزىرە، ھەربىر تال گىياھنىڭ ئۆزىگە خاس جەزبىدار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز، خۇددى ئەلمىساقتىن بۇيانقى ھەقىقىي گۈزەللىكنى بايان قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

ئەگمە كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ.

بوياق بىلەن بويالغاندەك قاتمۇقات رەڭگارەڭ ئورمان.

كۈزدىن دېرەك بەرگەن يوپۇرماق.

كەچكى شەپەق.

  كۆكدالا شەھىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە قۇرۇلغان 8- شەھەر، قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3 مىليارد 345 مىليون يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، 59 كۆكەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، كۆكەرتىش تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىدىن 57سى تاماملاندى، شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يولى 281 كىلومېتىرغا يەتتى، جەمئىي 74 خىل 1 مىليون 180 مىڭ تۈپ غوللۇق دەرەخ، 34 خىل 29 مىليون 60 مىڭ تۈپ چاتقال تىكىلىپ، كۆكەرتىلگەن ئومۇمىي كۆلەم 19 مىڭ 166 موغا، شەھەرنىڭ يېشىللىشىش نىسبىتى %49كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %53كە يېتىپ، «شەھەر ئورمان ئىچىدە، يول يېشىللىق ئىچىدە، ئۆي باغ ئىچىدە، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە» بولۇشتەك ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە ئۈنۈمى نامايان بولدى.

گۇگۇم ۋاقتى.

كۆلنىڭ كۈز مەنزىرىسى.

كۆل مەركىزىدىكى شىپاڭغا بوشلۇقتىن نەزەر.

كۆكدالا چوڭ كۆۋرۈكى.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ