ئاپتورى: ياڭ خۇاگۇاڭ
10-ئاينىڭ بېشىدا ياغقان قاردىن كېيىن، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تېغى خۇددى بىر قەۋەت ئاق شايى ئارتىۋالغاندەك كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلدى. ئاپئاق قار بىلەن رەڭگارەڭ تاغ ئورمىنى گىرەلىشىپ، كىشىنى زوقلاندۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ كۈز پەسلىدىكى قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.