تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلگەن مېھىر ـ شەپقەت ھوشسىز ياتقان قەمەرخاننى ئويغاتتى

ئاپتورى: يۈ جياڭيەن

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە __ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

«ياخشىمۇ سىز! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق كودىڭىزنى كۆرسىتىڭ.» 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەرچەن شۇاڭچياۋ ماي قاچىلاش پونكىتىدا، قەمەرخان تۇرسۇن ماي قاچىلاشقا كەلگەن شوپۇرلارنى ئەدەپ بىلەن توختاتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە شوپۇرلارغا ماشىنىنى بىخەتەر ھەيدەشنى سەمىمىي ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇمىدى.

قەمەرخان ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، قەمەرخاننىڭ ھېرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەمدىلا بىكار بولغان بىر خىزمەتدىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، ئۇنى ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشقا ئۈندىدى.

«خىزمەتداشلىرىم ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، مېنىڭ چارچاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدۇ.» قەمەرخان مۇنداق دېدى: ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللار مېنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

خىزمەتداشلىرىنىڭ قەمەرخاننى قۇتقۇزۇپ قالغانلىق ئىشىنى 2016 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغاچقا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ياتقانىدى، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق قىزى ساق ـ سالامەت تۇغۇلدى، ئەمما قەمەرخان ئىچكى ئەزالىرى تاسادىپىي زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن، ھوشسىزلاندى. دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قەمەرخاننىڭ كېسىلىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئېرى ھەسەنجان ئەيسا ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئەس ـ ھوشىنى يوقىتىپ «داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىش» ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويدى.

دەل شۇ چاغدا شۇاڭچياۋ ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ سابىق پونكىت باشلىقى ۋاڭ يەنخۇا ۋە خىزمەتداشلىرى دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى. كېسەل كارىۋىتىدىكى قەمەرخاننى كۆرۈپ، ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ماڭماقچى بولغان ھەسەنجاننى چاقىرىپ، كەسكىنلىك بىلەن: «ھەسەنجان، بىز دەرھال ئۇنى كورلىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى، ئىشىنىمىزكى چوقۇم يەنە ئۈمىد بار!» دېدى. ھەسەنجان جايىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، قانداق قىلىشىنى بىلەلمىدى. ۋاڭ يەنخۇا كۆز يېشى قىلغاچ ھەسەنجانغا: «ياخشى بۇرادىرىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭ، كىچىككىنە ئۈمىد بولسىمۇ، بىز ۋاز كەچمەيلى!» دېدى.

ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر، ۋاڭ يەنخۇا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دەرھال بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، تېزدىن دوختۇرخانا يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، قەمەرخاننى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ داۋالاتتى. ئەمما ناھايىتى تېزلا، داۋالىنىش خىراجىتى يەنە قەمەرخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان قەمەرخاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋاڭ يەنخۇا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ناھايىتى تېزلا 6500 يۈەن ئىئانە قىلدى؛ ئارقىدىنلا، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ كادىر ـ خىزمەتچىلىرىمۇ سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىپ 65 مىڭ يۈەن مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش مەبلىغى ئىئانە قىلدى.

شۇاڭچياۋ ماي قاچىلاش پونكىتىدا سەككىز خىزمەتچى بار بولۇپ، ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ۋاقىت چىقىرىپ قەمەرخاننىڭ ھالىدىن نۆۋەتلىشىپ خەۋەر ئالدى.

چەرچەن ناھىيەسى كورلا شەھىرىگە 720 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر نۆۋەت بېرىپ -كېلىشنىڭ كىرا ھەققىلا 500 يۈەن، لېكىن ئۇلارنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ دوختۇرخانىغا كېلىشى دەل قەمەرخاننىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ئىدى.

«ئۇ ناھايىتى قىزغىن، ياخشى خىزمەتدىشىم، مەن شۇاڭچياۋ ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەندە، نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى قەمەرخان ماڭا ئۆگەتكەن» دېدى خىزمەتدىشى زورىگۈل پولات. زورىگۈل ئىككى قېتىم 1500 يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۈچ قېتىم كېلىپ قەمەرخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا، زورىگۈل قەمەرخاننىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن يېنىك ئۇۋۇلاپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.

ۋاڭ يەنخۇا ئىزچىل قەمەرخاننىڭ ئىشى ئۈچۈن ئالدى ـ كەينىگە قاتراپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىپ بەردى. «مەن ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىم» دېدى ۋاڭ يەنخۇا.

خىزمەتداشلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇھەببەتلىك چاقىرىشلىرىدا، 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، 46 كۈن ھوشسىز ياتقان قەمەرخان مۆجىزىلەرچە كۆزىنى ئاچتى ...

«ھوشىغا كەلدى! قەمەرخان ھوشىغا كەلدى!» ۋاڭ يەنخۇا خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى، دەرھال تېلېفون بېرىپ خۇش خەۋەرنى قەمەرخانغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەربىر كىشىگە ئۇقتۇردى. بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، «قەمەرخان ھوشىغا كەلدى» دېگەن خەۋەر بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركەتنىڭ ھەرقايسى ۋىيشىن توپلىرىدا تارقىلىپ، توردا بىر شادلىق ئېقىمى ھاسىل قىلدى.

ھوشىغا كەلگەن قەمەرخاندا كۆرۈش نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ئاسارىتى قالغان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاشقا توغرا كېلەتتى.

ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلالمىغاچقا، قەمەرخاننىڭ كەيپىياتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئىچى سىقىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي دائىم دېگۈدەك ئېرى، بالىسى، ئاتا ـ ئانىسىغا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ۋاڭ يەنخۇا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ قەمەرخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا ئەتراپىدا يۈزبەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدۋار روھىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. «ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلە مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولىدۇ، سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىدۇ» دېدى ۋاڭ يەنخۇا.

بىر يىلدىن كۆپرەك داۋالاش ئارقىلىق، قەمەرخاننىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاستا ـ ئاستا ئەسلىگە كەلدى، كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ، ئوچۇق-يورۇق ھالىتىگە قايتتى. 2018 ـ يىلى، قەمەرخان ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېنىپ كەلگەندە، كۈلكە سادالىرى بۇ چوڭ ئائىلىدە قايتىدىن ياڭرىدى.

ھازىر، قەمەرخان دائىم ھەر خىل سورۇنلاردا، ئۇلارنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇ جايدا، شۇاڭچياۋ ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگەن مېھىر ـ مۇھەببىتىنىڭ 46 كۈن ھوشسىز ياتقان قەمەرخاننى ئويغاتقانلىقىدەك ھېكايە تىللاردا داستان بولۇپ تارالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ