9-ئاينىڭ 26-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت (ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر)تىن كەلگەن ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار تام قوپۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە «ماھارەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 29 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 640 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىدە تام قوپۇرۇش ئىشچىسى، ئاپتوموبىل رېمونتچىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتچىسى، توكچى، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى، ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىشكارى، بوۋاق باققۇچى، غەربچە پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇستىسى، تاماقخانا مۇلازىمەتچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇستىسى، جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ئۇستىسى (قوي گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرۇش)تىن ئىبارەت جەمئىي 11 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقىگە ھەربىر ئۆلكىدىن ھەربىر گۇرۇپپىغا ئىككى نەپەر ماھىر قاتناشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى