9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىدا تونېلنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە. (ياڭ جيەنكاڭ فوتوسى)
ئانار بۇلۇت خەۋىرى بەش يىلدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىنىش ئارقىلىق، G575 لىنىيەسى باركۆل-قومۇل تاشيولىنىڭ كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ تاشيولنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. G575 لىنىيەسى باركۆل-قومۇل تاشيولى دۆلەتنىڭ «يىپەك يولىدىكى چوڭ يول» ھەم «دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى «بەش توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، يەتتە ۋېرتىكال ئۆتۈشىدىغان» يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئالىي دەرىجىلىك تاشيول تورىدىكى «5-ۋېرتىكال»نىڭ مۇھىم تەركىبىي يول بۆلىكى.
G575 باركۆل-قومۇل تاشيولى شەرقىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى (9-ئاينىڭ 7-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى