9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ھازىر پاختا يىغىش مەزگىلى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان، ئۇ يەنە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قۇرغان «مەۋقەنى شىنجاڭغا قويغان، غەربىي شىمالغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسىدۇر. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى