تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

كۈز پەسلىدە سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا، بۇ مۇداپىئە پىرىنسىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ

  كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسى سىرتقا چىقىپ ئويناشقا باب كېلىدىغان ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۈز پەسلى يەنە يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، دۆلەت ئىچىدىكى شۇ جايدىكى ئاغرىق مىساللىرى تارقاق تارقىلىۋاتقان ھەم توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋالدا، خەلق ئاممىسى سىرتقا چىققاندا چوقۇم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئاڭلىق قوللىنىشى ھەم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار پىرىنسىپلارغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  1 نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  بېيجىڭ داشۆسى 1-تارماق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماسكا تاقاش، قولنى پاكىز تۇتۇش قاتارلىقلار نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، بۇلار يۇقۇملۇق زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ-تىزگىنلىيەلەيدۇ. بولۇپمۇ ئادەم توپلاشقان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايلار، مەسىلەن مېترودا، ئاممىۋى قاتناشتا، لىفىتتا، تار بوشلۇقلاردا چوقۇم ماسكىنى توغرا ئۇسۇلدا تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئامما تۇرمۇشتا مۇۋاپىق غىزالىنىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاپ، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

  ئەگەر ئۆزى ياكى ئائىلە ئەزالىرىدا قىزىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئاممىنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈز، قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ئامما تۇرۇشلۇق جاينىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى پائال ئەملىتىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەنلەر ئەملەتكەن ۋاقتى 14 كۈنگە توشقاندا ئاندىن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولىدۇ.

  2 ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت، سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق

  بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: كىشىلەر ئادەم بىر قەدەر ئاز بولغان ئوچۇقچىلىق جايلار، شەھەر ئەتراپىدىكى باغچە قاتارلىق جايلاردا ئائىلە ساياھىتىنى ئاساس قىلىپ سەيلە قىلسا بولىدۇ. قىزىش ياكى نەپەس يولىدا باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئايال قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ يىراققا سەپەرگە چىقىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  سىرتقا چىققاندا ماسكا، يۇيۇش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى يېتەرلىك تەييارلاش كېرەك. ئىمكانقەدەر ئاۋات مەنزىرە نۇقتىسىغا بارماي، توردا ئالدىن كېلىشىپ، يۇقىرى پەللە ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن بېرىش كېرەك.

  3 شەخسىي تازىلىققا ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش

  بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، كۆز، ئېغىز، بۇرۇننى تۇتۇشتىن ئىلگىرى، ئەخلەت، چىقىرىندىلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى يۇيۇش، قول يۇيۇش ئەپسىز ۋاقىتتا يۇيۇش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك.

  يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە جەينەك ياكى قەغەز بىلەن توسۇۋېلىڭ، ئېغىز، بۇرۇندىن چىققان ئاجرالما ماددىلارنى قەغەز بىلەن ئوراپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاڭ. قالايمىقان تۈكۈرمەڭ.

  4 يېمەك-ئىچمەك تازىلىق بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش

  بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلغاندا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچمەسلىك، قانۇنىيەتلىك غىزالىنىش كېرەك، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ياكى مۇنتىزىم كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان بوتۇلكىلىق سۇنى ئىچىشكە بولىدۇ.

  تاماقلانغاندا نوپۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنى تاللاپ، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان چوكا، قوشۇقلارنى ئىشلىتىپ، ئايرىم ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن قىلىنغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشنى رەت قىلىش كېرەك.

مەنبە: بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، شىنخۇا تورى

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ