9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى شىخو شاجوۋ جيۇجۇاڭ ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1000 مو ئۈزۈمزارلىقىدىن ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم يىغماقتا. بۇ شىركەت شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى، يېتەرلىك يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 2000 مو كۆلەمدىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئورگانىك ئۈزۈم بازىسى ۋە يىلىغا 500 توننا ئەلا سۈپەتلىك گەنخۇڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى، بۇنىڭدىن يىلىغا 35 توننا گەنخۇڭ يۈرۈشلۈك ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقارغىلى ھەم ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم تېرىقچىلىقىغا، ئۈزۈشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى