9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇمەمەت چاچ پاسونىنى چىقىرىش مەشىقى قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋىرى قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەركەزلەشتۈرۈپ مەشىقلەندۈرۈش ئورنىدا، چاچ ياساش بويىچە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇمەمەت باش مودېلىنىڭ يېڭىلا ياسالغان ئەرەنچە چاچ پاسونىنى ئىنچىكە تەكشۈردى.
بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئابدۇشۈكۈر قاراقاش ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىن كەلگەنىدى.
«مەن كىچىكىمدىنلا چېچىمنى ياساشنى ياخشى كۆرەتتىم، باشقىلارغىمۇ پاسون لايىھەلەپ بېرىشكە ئامراق ئىدىم». ئابدۇشۈكۈر چاچ ياساش كەسپىنى قىزغىن سۆيگەچكە، خېلى بۇرۇنلا چاچ ياساشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
مەركەزلەشتۈرۈپ مەشىق قىلىش مەزگىلىدە، ئابدۇشۈكۈر ھەر كۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە مەشىق قىلدى. «مۇئەللىم ھەر كۈنى ماڭا مۇسابىقە تەرتىپى ۋە قائىدىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ھەر خىل شەكىلدە ئىمتىھان سوئالى چىقىرىپ، ئەسەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىشىمغا ياردەم بېرىدۇ. مەنمۇ ھەر قېتىملىق مەشىققە ئەمەلىي جەڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئەڭ زور قىزغىنلىق ۋە سەۋرچانلىقىم بىلەن مەشغۇلات قىلىمەن» دېدى ئۇ.
ئابدۇشۈكۈرنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى مەشىق پىلانىغا قارىتا، مەركەزلەشتۈرۈپ مەشىقلەندۈرۈش يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ليۇ تيەنخەينىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇلى بار: «1- باسقۇچ ئاساسلىقى ئۇنىڭغا مۇسابىقە قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى چۈشەندۈرۈش. 2- باسقۇچنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىش، ئىنچىكە نۇقتىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاجىز نۇقتىلارنى كۈچەيتىش. 3- باسقۇچ، مەشىقنى ئەمەلىي جەڭ، ھەر قېتىملىق مەشىقنىڭ ھەممىسىنى <تەقلىدىي ئىمتىھان> دەپ بىلىش».
ئاساسى ياخشى ھەم زېرەك — بۇ، ليۇ تيەنخەينىڭ ئابدۇشۈكۈرگە بەرگەن باھاسى، بۇ ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئاشۇردى، «گەرچە مەن ھازىر تېخى ئوقۇغۇچى بولساممۇ، لېكىن مەن ئۆگەنگەن ماھارىتىمنى ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىمەن» دېدى ئۇ.