تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ «نەشپۈت ناملىق» يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى 2021 ـ يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىدى

    ئاپتور: ما يىنىڭ

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ كورلا ئايرودۇرۇمى خېبېي ئاۋىياتسىيەسى بىلەن بىرلىشىپ «نەشپۈت ناملىق» يۈك تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، بەش توننا كورلا نەشپۈتى بېسىلغان NS3508 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 13تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شىجياجۇاڭغا بىۋاسىتە يېتىپ باردى. بۇ كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئۇدا ئاچقان 4-يىلى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ قېتىمقى «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىدە توشۇلغان نەشپۈتنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى سەھەردە شېخىدىن ئەمدىلا ئۈزۈۋېلىنغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىدە توشۇلۇش ئارقىلىق، كورلا نەشپۈتىنىڭ تېز سۈرئەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ بازىرىغا كىرىش ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەنە مېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش مەسىلىسى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە بازاردا ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇندى.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئايروپىلانغا نەشپۈت قاچىلىماقتا. (مېڭ شياۋيۈ فوتوسى)

    2018-يىلىدىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ نەشپۈتى، چاقىلىق، چەرچەن چىلىنى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ چىلان كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى چىقىرىپ، «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ كورلا نەشپۈتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھە)»نى تۈزۈپ، كورلا نەشپۈتى پۇل مۇئامىلە چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇپ، باغ-ئورمان ھوسۇلى، سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.

    2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 622 مىڭ موغا، ھوسۇلى 750 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، باغ-ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4429 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %21.29ىنى ئىگىلىدى.

    2021-يىلى، كورلا ئايرودۇرۇمى بايىنغولىن ئوبلاستى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مۇھىم قاتناش رايونى تۈگۈنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن يەنە «بەنلى كاۋا ناملىق» قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس لىنىيەلەرنى ئېچىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىرىدىكى بازارلارغا يەتكۈزدى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ