تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك قاچىلاش پونكىتىدىن 12سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    شىنجاڭ گېزىتى، فۇكاڭ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك قاچىلاش پونكىتىدىن جەمئىي 12سى فۇكاڭ، داخۇاڭشەن، كۈيتۈن، شىخەنزە، تۇز كۆل، شياۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ مۇلازىمەت رايونلىرىنى توك قاچىلاش ئەسلىھەسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

    شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىدا مۇلازىمەت رايونىنىڭ بىر تەرىپىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلغانلىقىنى، تۆت توك قاچىلاش تۈۋرۈكى سەپلەنگەنلىكىنى كۆردى. توك قاچىلاش تۆۋرۈكى ئالدىدا بىرنەچچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە قانداق توك قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. 

   «توك قاچىلىماقچى بولغاندا شىڭشىڭ توك قاچىلاش APPسى، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ياكى توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىدىكى ئىككىلىك كودنى بىۋاسىتە سېكاننېرلاپ، مەشغۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە توك قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، بىر ئاپتوموبىلغا تولۇق توك قاچىلاشقا 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ، خىراجىتى 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە بولىدۇ» دېدى ۋەنباڭ رەقەملىك ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىڭشىڭ توك قاچىلاش شىنجاڭ رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شىڭ.

   شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر رېن لېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىچىدە ۋۇگۇڭتەي، سەنپىڭ، تۇرپان مۇلازىمەت رايونىدىكى ئالتە توك قاچىلاش پونكىتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

   «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە G30 لىنىيەسىنىڭ شىڭشىڭشيادىن تۇرپانغىچە، كۈيتۈندىن قورغاسقىچە، S11 لىنىيەسىنىڭ كۆكتوقايدىن ۋۇسەيۋەنگىچە، S20 لىنىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەيتىن قارامايغىچە، G3014 لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن ئالتايغىچە، G3012 لىنىيەسىنىڭ توقسۇندىن خوتەنگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بويىدىكى مۇلازىمەت رايونلىرىدا توك قاچىلاش پونكىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، شىڭشىڭشيا، ئىلى، ئالتاي، خوتەندىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يېشىل سەپەر چەمبىرىكىنىڭ «ئېنېرگىيە يولى»نى تۇتاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ