تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، پىراكتىكانت لى يايۈن خەۋەر قىلىدۇ) يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈر سېتىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ يىل جەمئىي 490 مىڭ دانىدىن ئارتۇق ھۆل ئەنجۈر سېتىلدى.
9-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ھۆل ئەنجۈر سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە «شېرىن ئاتۇش، جەلپكار شىمالىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بازارلىرىغا تۇنجى قېتىم 500 يەشىكتىن ئارتۇق ئەنجۈر ماڭدۇرۇلغان، ھۆل ئەنجۈردىن تەخمىنەن 32 مىڭ دانە سېتىلىپ، سېتىش سوممىسى 90 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
«بىز ئىلى ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، شۇنداقلا ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى سودا ساراي، ۋىيشىن سودىگەرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ماھىرلىرى بىلەن ئالدىن ئۇدۇللىشىپ، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ كوللېكتىپ سېتىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، ھازىر جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن 2-تۈركۈمدىكى مالنى ماڭدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىسۇڭ.
ئاتۇش ئەنجۈرىنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى)
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنجۈرنى توشۇش، ساقلاش قىيىن بولغاچقا، ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈرىنى ئەڭ يىراق بولغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىگىلا ساتقىلى بولاتتى. 2018-يىلى، ئاتۇش شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەنجۈرنىڭ ساقلاش مەزگىلىنى ئەسلىدىكى 2~1 كۈندىن 15~7 كۈنگە ئۇزارتىپ، ھۆل ئەنجۈرنى شىنجاڭدىن چىقىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، 2019-يىلى ئەنجۈر تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق شاڭخەيگە سېتىلدى.
2021-يىلى 8-ئايدا، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى «توردا + تور سىرتىدا» سېتىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈرىنى سىرتقا سېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. بۇ يىل ئاتۇش شەھىرى ھۆل ئەنجۈرنى تاۋباۋ، دوۋيىن سۇپىسى ئارقىلىق ئەڭ يىراق بولغاندا خەينەنگىچە ساتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئاتۇش شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىق جەمئىي 491 مىڭ دانە ئەنجۈر ساتقان، سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليون 77 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ 569 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
باغۋەنلەر ئەمدىلا ئۈزگەن ئەنجۈرلەرنى تىزماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى)
«ئىلگىرى ئاتۇش شەھىرىدە ھۆل ئەنجۈرنىڭ ھەربىر دانىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش باھاسى بىر يۈەن ئىدى، ھازىر بىز بىۋاسىتە ئىككى يۈەنگە ئۆستۈرۈپ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويدۇق، دېھقانلار ئەنجۈر ئۈزگەندە پەلەي كىيىپ، شوتا ئۈستىدە تۇرۇپ قايچا بىلەن مېۋە ساپىقىنى قوشۇپ كېسىۋالىدىغان بولدى» دېدى ۋاڭ جىسۇڭ.
مەھسۇلات سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق، ھازىر ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈرى ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغان بولدى، شۈنفېڭ ئەشيا ئوبوروتىغا تايىنىپ، دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار ئۈچ-تۆت كۈندىلا ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈرىنى يېيەلەيدۇ.
ئاتۇش شەھىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ماھىرى ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ھۆل ئەنجۈر ساتماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆ فوتوسى)
ئاتۇش شەھىرى «ئەنجۈر ماكانى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە بولۇپ، ئەنجۈرىنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق بولغاچقا، «دەرەختىكى شېكەر مانتىسى» دەپ ئاتالغان. نۆۋەتتە، ئاتۇش شەھىرىدە ھۆل ئەنجۈرنىڭ سېتىلىشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. 2022-يىلى، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىپىنى ئۆزگەرتىش كارخانىلىرى، ئىگىلىك تىكلەش ماھىرلىرىنى ھۆل ئەنجۈر سېتىشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئاتۇشنىڭ ھۆل ئەنجۈر سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ئىستېمالچىلارغا شېرىن تەمنى تېتىتىش بىللە، ئاتۇش شەھىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى.