9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تام قوپۇرۇش تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى روزىمەمەت ياسىن شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي شۆيۈەنىدە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مەشىقنى ئىشلىمەكتە.
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭلىق ماھىرلار ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەشىقنى كۈچەيتتى.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تام قوپۇرۇش تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى ۋېن جىجيې شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي شۆيۈەنىدە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مەشىقنى ئىشلىمەكتە.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ توكچىلىق تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى جاڭ گوجىڭ شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك تېخنىك شۆيۈەنىدە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مەشىقنى ئىشلىمەكتە.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ توكچىلىق تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى بەي لۇيۈ شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك تېخنىك شۆيۈەنىدە بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگوچە خېمىر تائاملارنى پىشۇرۇش ئۇستىسى (نان يېقىش) ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ سانائەت-ئىقتىساد مەكتىپى (شىنجاڭ ئىقتىساد-سودا تېخنىك شۆيۈەنى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەخمەت ساۋۇت نان يېقىشنى مەشىق قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگوچە خېمىر تائاملارنى پىشۇرۇش ئۇستىسى (نان يېقىش) ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ سانائەت ـ ئىقتىساد مەكتىپى (شىنجاڭ ئىقتىساد-سودا تېخنىك شۆيۈەنى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى ھۈسەيىن مەمەت زۇۋۇلىنى ئۆلچەپ ئۈزۈشنى مەشىق قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگوچە خېمىر تائاملارنى پىشۇرۇش ئۇستىسى (نان يېقىش) ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ سانائەت-ئىقتىساد مەكتىپى (شىنجاڭ ئىقتىساد-سودا تېخنىك شۆيۈەنى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى مەمەتتۇرسۇن ئىمامنىياز نان يېقىش مەشىقى قىلماقتا.