مۇھەررىر :
ئالىم ئىمىن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2021/09/14 16:23
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا بىر باغۋەن ئىپارخان تاشئالمىسىنى ئۈزمەكتە.
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئاي، دەل مېۋە، كۆكتاتلاردىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىل، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان ئەمگەك مېۋىلىرىنى ئۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت يېتىشتۈرۈش، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىگە تايىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى 1000 مولۇق تاشئالما باغچىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، «ئېكولوگىيە + كۆچەت + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. (ما گۇاڭيۈەن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا بىر باغۋەن ئىپارخان تاشئالمىسىنى ئۈزمەكتە. (ما گۇاڭيۈەن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا بىر باغۋەن ئىپارخان تاشئالمىسى ئۈزدى. (ما گۇاڭيۈەن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، باغۋەنلەر قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا ئىپارخان تاشئالمىسىنى ئايرىماقتا. (ما گۇاڭيۈەن فوتوسى)
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىدە بىر باغۋەن نەشپۈتلەرنى ئايرىماقتا. ھازىر، بۇ ناھىيەدە 27 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سالدى. (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)
ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىگە جايلاشقان نەشپۈتلۈكتە، تۈپ-تۈپ نەشپۈت دەرەخلىرى نەشپۈتلەر بىلەن لىق تولدى (9-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان، باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، دېھقانلار قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى قىزىلتاغ كەنتىدىكى جۇسەي تېرىش بازىسىدا جۇسەي ئورۇماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى زاكازلىق تېرىش شەكلى ئارقىلىق، جۇسەي تېرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. (شېن شياڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى ئارال كەنتىدە لازا ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار لازىدىن ئىبارەت خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىق بازىسىدىن ئۈچنى پائال بەرپا قىلىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى زاكازلىق لازا تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى ئارال كەنتىدە لازا ئۈزمەكتە. (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)