تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاناستا ئالتۇن كۈز

ئاق شەبنەم مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتتى، مەيىن كۈز شامىلى يەلپۈنگىنىچە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدىكى قاناسنىڭ كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، يېشىل ئوت-چۆپلەر يېشىللىقىنى ئاستا-ئاستا يوقاتتى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.

كۈزدىكى قاناس ساياھەت پەيزىنى سۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇ جايدا ئىللىق كۈز پەسلىدىكى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، مەيىن شامالدا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، ئورمانلىقتا ھاشاراتلارنىڭ چىرىلداشلىرىنى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاپ، قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ تەبىئەتتىن بىر قېتىم قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ.

ئاق قېيىن يوپۇرماقلىرىنىڭ يېشىل رەڭگى سۇسلىشىپ، سۇس سېرىق ۋە ئېرەن قىزىلى بىلەن زىننەتلەندى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، سۇ ھورلىرى سوغۇق بىلەن ئۇچرىشىپ، يەر يۈزى ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىدا سۇ مونچاقلىرىغا ئايلىنىپ يالتىرىدى، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، قاتمۇقات ئورمانلار بوياق بىلەن بوياپ قويغاندەك رەڭدار تۈسكە كىردى.

كۈز ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن، مەيىن شامال يېنىككىنە ئۇرۇلىدۇ، ئاسماندىكى بۇلۇتلار بەزىدە توپلىشىپ، بەزىدە ئەركىن تارقىلىپ، كۆپكۆك ئاسمان بارلىق مەۋجۇداتلارنى قوينىغا ئالغان كەبى كىشىگە كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايدۇ، يىراقتىن قارىغاندا تاغلار قارامتۇل يېشىل رەڭگە كىرگەندەك بولۇپ، سۇ مەنزىرىلىرى بىلەن قوشۇلغان كۆركەملىك كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.

كۈز پەسلى تىنچ، غەلۋىسىز پەسىل، قاناستا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ كەيپىياتنى كۆتۈرگىلى ياكى ئورمانلىقتا پىيادە مېڭىپ، تاغ ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئىزدەپ، كۈزنىڭ راھەت ۋە جىمجىتلىقىدىن ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ.

كۈزدىكى دەريا-كۆل سۈيى گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن سۇس يېشىل رەڭدە چايقىلىپ تۇرىدۇ، كۈز پەسلىدىكى قاناسنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا، ئۇزاقتىن ئورمانلىقتا ياشاپ يۈرگەن قوڭۇر ئېيىقمۇ ئادەم ئاز ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ كۆلگە چۆمۈلۈپ، بايقىلىپ قالسا ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئۇچقاندەك يۈگۈرگىنىچە قېچىپ كىرىپ كېتىدۇ.

قاناستا قوڭۇر ئېيىقنى ئۇچرىتىش، ئورمانلىق ئىچىدە سەكرىشىپ يۈرگەن تىيىنلارنى كۆرۈش، قىش كۈنلىرى يول بويىدا ئوينىشىۋاتقان ئوماق تۈلكىلەرنى كۆرۈش ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ يەرگە كەلگەن ھەربىر ساياھەتچىنىڭ تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشىنى، تەبىئەتنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مۇشۇنداق بولغاندا بىز مەنزىرە رايونىدا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىيماسىنى كۆرەلەيمىز.

سۈرەتتەك گۈزەل كۈز پەسلىدە، كۈز شامىلىدا يەلپۈنۈپ، ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى تىيىنلارنىڭ ئوينىشىغا، كۆل يۈزىدىكى ئاق قۇلارنىڭ سۇ ئوينىشىغا قاراپ، تاغ ئارىسىدىكى دالا تاماشالىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، كۈزدىكى تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىنى ھېس قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ