تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

كوپىراتىپ ئەزالىرى پايچىكقا ئايلاندى، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ئۆتتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) «ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار، دەپ ئويلاپ، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا 250 مىڭ يۈەن پاي قوشتۇم» دېدى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى قومۇل دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونىغا جايلاشقان فۇتيەن قوي باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى ئەركىن پەتتۇل پەخىرلەنگەن ھالدا.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەركىن پەتتۇل(سولدا) كوپىراتىپ ئەزاسى بىلەن بىللە باقمىچىلىق مەيدانىدا ھېسابات سېلىشتۇرماقتا.

    بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ئەركىن پەتتۇل قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى دۆشتۇر كەنتىنىڭ ئاھالىسى، 2011-يىلى قومۇل شەھىرى رۈنباڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمىدە، ئەركىن پەتتۇل مول باقمىچىلىق تەجرىبىسى توپلاپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى. بۇلتۇر، ئۇنىڭ ئائىلە كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، بۇ يىل يەنە 13 باقمىچىلىق ئائىلىسىمۇ كەينى-كەينىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلدى. ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ تەدرىجىي ھالدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلىنىپ، 102 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2020-يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن، ئەزالارغا تەقسىملەنگەن پايدا 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەركىن پەتتۇل(سولدا) باقمىچىلىق مەيدانىدا كوپىراتىپ ئەزاسى بىلەن بىللە، چارۋىچىلىق رايونىدىن سېتىۋالغان بوردىلىدىغان قويلارنى تەكشۈرمەكتە.

    ئەركىن پەتتۇل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەشتىن كوپىراتىپ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكىگە ئايلاندى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. ئىشىنىمەنكى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى گۈزەللىشىدۇ».

9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەركىن پەتتۇل(سولدا) كوپىراتىپ ئەزاسى بىلەن بىللە، باقمىچىلىق مەيدانىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بوردىلىدىغان قويلارنى سانىماقتا.

ھازىر ئۈزۈم پىشىدىغان پەسىل، قومۇل شەھىرى رۈنباڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى نۇرغۇن سودىگەرنى كېلىپ زاكاز سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلدى(9-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

ئېتىزلىققا جايلاشقان فۇتيەن قوي باقمىچىلىق مەيدانى(9-ئاينىڭ 2-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىشتىن چۈشكەن ئەركىن پەتتۇل(سولدا) ئۆيىدە خوتۇنى بىلەن چاي ئىچكەچ مۇڭداشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ