نۆۋەتتە، مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئېگىزلىككە تېرىلغان 725 مىڭ مو يازغى بۇغداي كەينى-كەينىدىن پىشتى، دېھقانلار ئورمىنى باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئورما ئاخىرلىشىدىكەن.
لى ۋېنۋۇ فوتوسى
9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا كۆممىقۇناق سېتىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ماشىنىلار. لى ۋېنۋۇ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىڭتۇەن ئاشلىق ئامبىرى» دەپ نامى بار گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى «كارخانا + ئىشچى-خىزمەتچى + زاكاز»دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، كۆممىقوناق سېتىۋالىدىغان كارخانىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، زاكازلىق تېرىقچىلىقنى يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.
ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆممىقوناق قاچىلىماقتا. ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى بوستان كەنتى ئاھالىسى سۆكسۆك تېرىلغۇ بازىسىدا توشقانزەدىكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى شۇ جايدىكى بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇمنى تىزگىنلەش 10 مىڭ مولۇق سۆكسۆك تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىسىنى قۇملۇق گىرۋىكىدىكى 6000 مو يەردە توشقانزەدىكىنى سىناپ تېرىپ بېقىشقا يېتەكلىدى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. نۆۋەتتە، توشقانزەدىكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولماقتا، پات ئارىدا كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنىپ بازارغا سېلىنىدۇ.
ئەنۋەرجان ئىمىن فوتوسى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋانچىڭ رايونى شىگۇۋ بازىرى شالياڭزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيەلىك كادىرلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ شۆجۈ يىغىشى ۋە يېيىپ قۇرۇتۇپ سېتىشىغا ياردەم بەردى.
سۇن جېنگاۋ فوتوسى