ئانار بۇلۇت خەۋىرى
خۇشخەۋەر!
كۆكسۇل مەنزىرە رايونى
سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق
مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى
كۆكسۇل ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىدىن 23 كىلومېتىر يىراقلىقتا، كۆكسۇل كۆلى يەنە «ياۋا ئۆردەك كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋا ئۆردەك كۆلى بولسا كۆكتوقايدا قاتتىق يەر تەۋرىگەندە شەكىللەنگەن ئۈزۈلمىلىك ئولتۇرۇشما كۆل، ئۇ تۇرغۇن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئېگىز تاغلاردىكى قارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1110 مېتىر ئېگىز، كۆل يۈزى كۆلىمى 3 كىۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا. كۆلدە نۇرغۇن قومۇش ئۆسكەن بولۇپ، بۇ قومۇشلارنىڭ يىلتىزى گىرەلىشىپ سۇ يۈزىدە لەيلەپ، چوڭ-كىچىك 20 نەچچە قومۇش ئارىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، شامالغا ئەگىشىپ ئۈزۈپ يۈرىدۇ، كۆل يۈزىنىڭ مەنزىرىسى قومۇشلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، بىر شامالدا بىر مەنزىرە پەيدا بولۇپ، خۇددى بەيياڭديەندىكى قومۇشلۇق سىرلىق ئوردىسىغا ئوخشايدۇ.
ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ياۋا ئۆردەك، قىزىل ياۋا غاز، ئاق قۇ قاتارلىقلار بۇ يەرگە يىغىلىپ كۆپىيىدۇ، ياشايدۇ. كۆل يۈزىدە ياۋا ئۆردەكلەر مىغ-مىغ بولۇپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىدۇ. كۆل بويىدىكى 10 مىڭ مولۇق كەڭ ھەم تەكشى ئوتلاقتا، قوي-كالىلار بەخىرامان يايلايدۇ. ياۋا ئۆردەك كۆلى بېلىق تۇتىدىغان ۋە سۈرەتكە تارتىدىغان ياخشى جاي، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە، نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتىدۇ، لەيلەپ يۈرگەن قومۇش ئارىلى ۋە ئۈزۈپ يۈرگەن ياۋا ئۆردەكلەر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى ھەر يىلى ئوخشاش بولمىغان «ھوسۇل»غا ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇنداق گۈزەل كۆكسۇل
چوقۇم كېلىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ!