تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

چىڭگىل ناھىيەسىدە قۇشلارنىڭ بىر گۈزەل ماكانى بار

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى  قىزىلساي سۇ ئامبىرى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى چاغانغۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، ئاغاش ئوبا يېزىسى مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە بولۇپ، چىڭگىل ناھىيە بازىرىغا 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، 3-دەرىجىلىك ئوتتۇراھال تىپتىكى توسما سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

    توپ-توپ ئاق قۇ، سېرىق ئۆردەك، تادورنا ئۆردىكى قاتارلىق زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ، ئۇلار باھاردا بۇ يەرگە كەلسە، كەچ كۈز ئۆتۈپ يەنە جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدۇ. 

    قىزىلساي سۇ ئامبىرى پەسىل قۇشلىرى بىرقەدەر ئۇزاق ماكانلىشىدىغان جايغا ئايلاندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن چىڭگىل ناھىيەسى ھەرقايسى چوڭ سۇلۇق يەر، ئورمان باغچىسى، ئوتلاق قاتارلىق جايلاردا ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسىدىن 186 نەپەر، ئوتلاق قوغدىغۇچىسىدىن 100 نەپەر، ئىككى دەريا مەنبەسىنى قوغداش باشقۇرغۇچىسىدىن 70 نەپەر، يېزا-كەنت مۇھىتىنى قوغداش خادىمىدىن 100 نەپەرنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

    پەسىل قۇشلىرى سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكى چىڭگىل ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ