ئانار بۇلۇت خەۋىرى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىرنەچچە تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى قۇم توپا ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتاتتى. شىنجاڭ قورغاس تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ 60 نەچچە كۈن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، 7 تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى تۇخۇمدىن چىقتى، بۇ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىشى ھېسابلىنىدۇ. تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە پەقەت قورغاسقىلا تارقالغان. نۆۋەتتە، تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ سانى قوغدىلىشقا باشلىغان چاغدىكى 200دىن كۆپرەكتىن كۆپىيىپ 1300دىن كۆپرەككە يەتتى.
جاڭ چىڭخۇا فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىرنەچچە تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى قۇم توپا ئۈستىدە ئۆمىلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىرنەچچە تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى قۇم توپا ئۈستىدە ئۆمىلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇخۇم باستۇرۇش ماشىنىسىدىكى تاشپاقا تۇخۇمى.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇخۇم باستۇرۇش ماشىنىسىدىكى تاشپاقا تۇخۇمى.