8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئېلېكتىرلىك پار قازىنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونتروللىغۇچىنى قۇراشتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ساۋەن شەھىرى جىنگوۋخې سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىپەك يولى جىنشىڭ ئېنېرگىيە تېجەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئاسما شەكىللىك، يەرگە قويۇلىدىغان ئېلېكتىرلىك پار قازىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. پار بىلەن تەمىنلەش پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەت زور مىقداردا زاكاز قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، زاكازلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ يىپەك يولى جىنشىڭ ئېنېرگىيە تېجەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى جىنشىڭ ئېنېرگىيە تېجەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار يەرگە قويۇلىدىغان ئېلېكتىرلىك پار قازىنىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
زىڭ جاۋمېي فوتوسى