تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈمەن مو باغدىكى تاشئالمىنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دېفېڭ خەۋەر قىلىدۇ): 8-ئاي كىرىشى بىلەن، جىمىسار ناھىيەسىدىكى تاشئالمىلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. تاشئالمىلار بەك ئوخشىغان بولۇپ، شاخلارغا لىق تولغانىدى. تاشئالما سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەرلەر تاشئالمىلارنى يەشىكلەرگە قاچىلاپ ئاپتوموبىلغا بېسىۋاتقان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  ئالدىنقى يىللاردا، جىمىسار ناھىيەسى خاس باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، نۇرغۇن تېرىقچىلىق ئائىلىسى تاشئالما كۆچىتى تىكىشنى تاللاپ، كۆكەرتىش بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمىدى.

  بۇ يىل ئەتىيازدا، جىمىسار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى دالۇڭكوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، باغۋەنلەرگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، 65 ياشلىق ما جىنگۇي بوۋايمۇ تېخنىكا ئۆگەندى. ئۇ مۇتەخەسسىسلەردىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئون مو يېرىدىكى تاشئالما دەرىخىنى چاتىدى.

  7-ئايغا كەلگەندە، ما جىنگۇي تاشئالمىلارنىڭ بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئوخشىغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدى. «بىر مو يەرگە 50 تۈپ كۆچەت تىكتىم، بىر تۈپتىن 30 كىلوگىرام تاشئالما ئېلىپ، 2500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدىم» دېدى ما جىنگۇي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، دېھقانلارنى سىرتقا چىقىپ ئەسلىھەلىك باغ-ئورمانچىلىقنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا پائال تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ باغ-ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە تىكىلگەن تاشئالما كۆچىتى 30 مىڭ موغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ